ماندارىن سىترۇس تۈرىدىكى مېۋىدۇر. ئۇنىڭ پوستى ئالتۇن سېرىقى رەڭگىدە، شۆپۈكى نېپىز، ئېتى يۇمشاق، شىرنىسى كۆپ، خۇش پۇراقلىق كېلىدۇ.
ئۇنىڭ پوستى ئېتىدىن ئاسانلىقچە ئايرىلمايدۇ، پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن پوستى بىلەن ئېتىنى بىللىلا يېسىمۇ بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ماندارىن تەركىبىدە ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، كالتسىي، فوسفور، كالىي، ماگنىي قاتارلىقلار بار.
ماندارىننىڭ قان تومۇر يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قىل قان تومۇرلارنىڭ چۈرۈكلۈكى ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ئازايتىش، قان تومۇررلارنىڭ قېتىشىشىنى كېچىكتۈرۈشتە ناھايىتى ئوبدان رولى بار. ئۇ يەنە قان بېسىمنى قوش يۆنىلىش بويىچە تەڭشەيدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، قان تومۇر قېتىشىش ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ئىستېمال قىلسا ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ.
ماندارىن خىلىتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىچ پۇشۇشنى تۈگىتىش، خىلىت پەيدا قىلىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، بەلغەمنى بوشىتىپ، مەستلىكنى يېيىش قاتارلىق روللارغا ئىگە بولۇپ، قورسىقى چىڭقىلىدىغان، يۆتىلىپ بەلغەم تۈكۈرۈدىغان، ئۇسساپ كەتكەن، كېكىردىكى ئىششىپ قالغانلارنىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالىنىشىدىكى ئېسىل بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ.
ھەمىشە ماندارىن ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يەنە ئورگانىزمنىڭ سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ماندارىن ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددىلار ماندارىننىڭ پوستىغا مەركەزلەشكەن، شۇڭا ماندارىن يېگەندە شۆپۈكىنى سويۇۋەتمەسلىك لازىم.
ماندارىننى شېكەر ياكى ھەسەلگە چىلاپ قويۇپ يۇمشىغاندىن كېيىن ئىشلەتسە، يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ماندارىننىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، ئۇنى ئېغىزى، تىلىغا چىيقان چىقىپ قالغانلار، چوڭ تەرىتى قۇرغاق كىشىلەر ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ماندارىن ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号