گازىر ئاپتاپپەرەسنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، ئۇنى پارچە-پۇرات يېمەكلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پېچىنە-پىرەنىكنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. گازىر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ياغ بولغاچقا، ئۇ يەنە مۇھىم ياغ تارتىش خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گازىر يېغى ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن ئالىي دەرىجىلىك ساغلاملىق يېغى بولۇپ قالدى.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
گازىر تەركىبىدە مول ۋىتامىن E بار بولۇپ، كۈنىگە بىر سىقىم گازىر چاقسا، بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ۋىتامىن E غا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. گازىر تەركىبىدە يەنە باشقا ۋىتامىنلار، تۆمۈر، سىنك، كالىي، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
گازىر ئادەمنىڭ قېنى تەركىبىدىكى خولېستېرول سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا ئۇ يۈرەك قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق.
گازىر كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى توسۇش، قان ئازلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى توسۇش، چوڭلار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
گازىر ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە، راك كېسىلى، ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى، يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا نىسبەتەن مۇئەييەن ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
گازىر ئىچ سۈرۈش، يىرىڭلىق قاپارتقۇ قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى تەڭشەپ، قان بېسىمنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلايدۇ ۋە قاندىكى خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ يېرىلىشى، نامازشام قارىغۇسى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
گازىرنى بىر قېتىمدا بەك كۆپ چاقماسلىق لازىم، گازىرنى كۆپ چاقسا شۆلگەينى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھەزىم قىلىش فۇنكسىيىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىشتىھانى تۇتىدۇ، ھەتتا تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دائىم گازىرنى ئېغىزغا سېلىپ چاققاندا، ئاسانلا تىل ۋە جاۋىغاينى چىرىتىدۇ، يەنە شاكىلىنى تۈكۈرگەندە كۆپ مىقداردىكى خىلىت بىللە چىقىپ كېتىپ، تەم سېزىمىنى گاللاشتۇرىدۇ. گازىرنى بەك كۆپ چاققاندا، يەنە ئادەمنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ، ئېغىز، تىلىغا چىيقان چىقىدۇ.
جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئەڭ ياخشىسى گازىر چاقماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇ جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، جىگەر قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号