ئەبنوس (ھالۋابىدىت) كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان مېۋە بولۇپ، تەملىك ۋە يېيىشلىك، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول؛ نۇرغۇن كىشىلەر يەنە قىش پەسلىدە قۇرۇتۇلغان ئەبنوسنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭ تەمىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ.
ئەبنوسنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئەگەر بىر ئادەم بىر كۈندە بىر دانە ئەنبوس يېسە، ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلىنغان ۋىتامىن C ئاساسەن ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارىنىڭ يېرىمىنى قامدايدۇ. شۇڭا ئەبنوس يەپ بەرگەندە، ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولىدۇ.
ئەبنوس دەرىخى ئېلىمىزنىڭ شىمالدىكى تاغلىق رايونلاردا ئۆسىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىسى 10-ئايدا پىشىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئەبنوس تەركىبىدە ۋىتامىن C ھەمدە فوسفور، تۆمۈر، سىنك، كالتسىي، يود قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. ئەبنوسنىڭ يۈرەك قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار، يود يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يەرلىك پوقاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار، يود يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يەرلىك پوقاقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چوڭ ياردەم بېرىدۇ.
ئەبنوسنى تاش تاختاي بىلەن يېپىلغان ئۆگزىگە يېيىپ قويسا، كۈندۈزى ئاپتاپقا قاقلىنىپ، كېچىسى شەبنەمگە مىلىنىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئەبنوسنىڭ يۈزىنى بىر قەۋەت ئاق قىرو قاپلايدۇ، بۇ ئەبنوس قېقى شورى دېيىلىدۇ.
ئەبنوس قېقى شورى تولغاققا شىپا قىلىدۇ.
ئەبنوس قېقى بالىلاردىكى تولغاقنى داۋالايدۇ، ئۇنىڭ يەنە ئۈچەينى قورۇش، ئۆپكىنى سىلىقلاش، قان توختىتىش، ئاشقازاننى ئىللىتىش رولى بار. پىشمىغان ئەبنوسنىڭ شىرنىسى يۇقىرى قان بېسىمغا شىپا بولىدۇ. ئەبنوس كاسسىسىنى قاينىتىپ ئىچسە، ھېق تۇتۇشنى داۋالايدۇ، ئۇنى ناۋات بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچسە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قۇسۇشقا شىپا بولىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئەبنوسنى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، قاق قۇرۇتۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
ئەبنوسنى تاماقتىن كېيىن يېيىش، ئاچ قۇرساق چاغدا يېمەسلىك كېرەك. ئەبنوس يېيىشتە ئۇنىڭ شۆپۈكىنى ئىمكانقەدەر يېمەسلىك لازىم، ئەمما ئەبنوس قېقىنىڭ سىرتىنى قاپلاپ تۇرغان ئەبنوس قېقى شورى ئۇنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، تاشلىۋەتمىسەلىك كېرەك. سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئاشقازان ئىقتىدارىدا مەسىلە بارلار ئەبنوس ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم؛ ئەبنوس تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئەبنوس ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. كېسەلدىن كېيىن تېنى ئاجىزلاپ كەتكەنلەر، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار ھەمدە سوغۇقتىن شامالداپ قالغانلار ئەبنوس ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号