ئالۇچا مېۋىسى يۇپيۇمىلاق، سېلىق ھەم سۈزۈك، شەكلى چىرايلىق، تەمى تاتلىق بولۇپ، كىشىلەر ياز پەسلىدە ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان ئەنئەنىۋى مېۋىلەرنىڭ بىرى. ئۇنى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، كونسېرۋا، بالقاق ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئالۇچا تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B12، ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار.
ئالۇچىنىڭ تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، جىگەرنى تازىلاپ، ئىسسىقنى چىقىرىۋېتىش، خىلىت پەيدا قىلىش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى بار. ئۇ ئاشقازان مەنپىيلىكى يېتەرسىز بولۇش، ئۇسساش، گال قۇرۇش، قورساقتا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئالۇچىنىڭ جىەەر كېسىلىگە نىسبەتەن بىر قەدەر ياخشى ئاسراش رولى بار. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق تىۋىپ سۈن سىماۋ ئالۇچىغا باھا بەرگەندە مۇنداق دېگەن: «جىگەر كېسىلى بارلار يېيىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ».
ئالۇچىنىڭ قان قىزىل ئاقسىلى «ھېموگلوبىن» نىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار بولۇپ، قان ئازلىققا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئالۇچىنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ چىرايىنى قاشتېشىدەك پارقىراق ۋە سىلىق قىلىدۇ. ئالۇچىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە يەنە چاچنى قارايتىش ئۈنۈمى بولىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
پىشمىغان ئالۇچىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
كونىلاردا: «شاپتۇل ئادەمگە ئوزۇق بولىدۇ، ئۆرۈك ئادەمگە زىيان قىلىدۇ، ئالۇچا دەرىخىنىڭ تۈۋىدىن ئادەمنىڭ ئۆلۈكىنى ئېلىپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ» دېگەن گەپ بار. ئالۇچا تەركىبىدە ككپ مىقداردا مېۋە كىسلاتاسى بار بولۇپ، كۆپ يېگەندە ئاسانلا ئاشقازان ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالۇچىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئادەمدە بەلغەمنى، ھۆللۈكنى كۆپەيتىپ، ھەتتا تۆۋەن قىزىتما، باش قېيىش، باش چىڭقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا تال-ئاشقازىنى زەئىپلەشكەنلەر ئالۇچىنى ئاز ئىستېمال قىلىشى ياكى ئىستېمال قىلىشماسلىقى لازىم.
ئالۇچىنى ھەسەل، ئۆردەك تۇخۇمى، قۇشقاچ گۆشى بىلەن بىللە يېمەسلىك لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号