نەشپۈتنىڭ ئېتى يۇمشاق، شىرنىسى كۆپ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق ھەم يېيىشلىك بولغاچقا، «تەبىئىتى مىنېرال سۇ» دېگەن نامغا ئىگە، نەشپۈتنىڭ شۆپۈكى نىپىز، ئېتى ئاق، خۇش پۇراقلىق ھەم تاتلىق، تىرىپى ئاز كەلگەنلىرى ئېسىل سورت ھېسابلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
تەشپۈت تەركىبىدە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
نەشپۈتنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، يۈرەكتىكى ئىسسىقلىقنى تازىلاپ، ئۆپكىنى سىلىقلاش رولىغا ئىگە، ئۆپكە تۇبېركۇلوزى، كاناي ياللۇغى ۋە يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملانغان بىمارلاردا كۆرۈلىدىغان گال قۇرۇش، قىچىشىپ ئاغرىش، ئۈنى پۈتۈش، بەلغەم قويۇق كېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا شىپالىق ئۈنۈمى بولىدۇ.
نەشپۈتنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش رولى بار، ھەمىشە نەشپۈت ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا مۇئەييەن دەرىجىدە پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
نەشپۈت ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە سۈيدۈكنى ھەيدەپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە قىزىتما قايتۇرۇش رولى بار بولۇپ، يۇقىرى قىزىتمىغا مۇپتىلا بولغاندا سۇ ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قاينىتىپ پىشۇرۇۋالغان نەشپۈت بۆرەكنىڭ سۈيدۈك كىسلاتاسىنى چىقىرىۋېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ ھەمدە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، رېماتىزم كېسىلى ۋە بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
نەشپۈت گالنى نەمدەپ، يەلنى يوقىتىش، مەستلىكنى يېشىپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە. كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاقلاشقاندا، كىشىلەر ھەمىشە تېرىسى قىچىشىپ، ئېغىزى، بۇرنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى، بەزىدە قۇرۇق يۆتىلىپ بەلغەم چىقمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، مۇشۇنداق چاغدا كۈنىگە بىر-ئىككى دانە نەشپۈت يەپ بەرسە، بىئاراملىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
نەشپۈت كېكىردەكنى تازىلاپ، ئىسسىقنى تۈگىتىدۇ، دوكتور، ناخشىچىلار ھەمىشە قاينىتىپ پىشۇرۇلغان نەشپۈت ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئېغىزىدىكى خىلىتلارنى كۆپەيتىپ، ئاۋازىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
نەشپۈت ئاساسلىقى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نەشپۈتنى ئەڭ ياخشىسى يۇيۇپ شۆپۈكىنى ئاقلىغاندىن كېيىن يېيىش لازىم. نەشپۈت بولۇپمۇ جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گخرىپتار بولغانلار، بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
نەشپۈتنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. بولمىسا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەشپۈت تەركىبىدە شېكەر مىقدارى يۇقىرى بولغانلىقتىن، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىپ، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، شۇڭا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نەشپۈتنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم.
تال-ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر، قىزىپ قالغانلار نەشپۈتنى پارچىلاپ سۇدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号