ھەسەل تەملىك بولۇپلا قالماستىن ، يەنە كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە .
1. ھەسەل ناھايتى مۇقىم ماددا بولۇپ ، ياخشى ساقلىغاندا نەچچە يۈز يىلغىچە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ ، ئوزۇقلۇقىمۇ ئىسراپ بولمايدۇ .
2. ھەسەل يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسىغا يىغىلىپ قالغان ياغنى ئازايتىدۇ .
3. ھەسەل بىردىنبىر تەبئىي تاتلىق تېتىتقۇ ھېسابلىنىدۇ .
4. ھەسەل ئايرىپ ئېلىنغان شېكەر ياكى ساخاروزىدەك ئاشقازاندا ئېچىمايدۇ ، شۇڭا ھەسەل ئىستېمال قىلغاندا باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋپى بولمايدۇ .
5. ھەسەل قەنتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىي مولېكۇلالىق شەكىل بولغاچقا ، داۋاملىق پارچىلانمايدۇ . ئۇ كىچىك ئۈچەي ئارقىلىق بىۋاستە قانغا ئۆتىدۇ ، شېكەر ساخاروزىغا ئوخشاش ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا مەسلە پەيدا قىلمايدۇ .
6. ھەسەل ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى خورىتىدىغان ئەڭ ياخشى يېقىلغۇ . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىۋەتسە ، ئېغىرلىقنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار .
7 . ھەسەل كۆيۈكنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى ماددا . ھەسەل ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ ، كۆيگەن جاينى تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەم تارتۇق قالدۇرمايدۇ .
8 . ئالىملار ھەسەل تەركىبىدە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپنى بايقىدى . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى بىر خىل رېئاكتىپ ھەسەل تەركىبىدىلا بولغاچقا ، ھەسەلنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ناھايتى ياخشى .
9. ھەسەل ئىچكۈزۈش بالىلارنىڭ يۆتىلىنى داۋالاشتىكى بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ .
10 . چېنىقىشنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە ئازراق ھەسەل ئىستېمال قىلىۋەتسە ، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى ھەسەل ئىستېمال قىلمىغانلارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە تېز بولىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号