ئالما چۈچۈمەل تاتلىق، يېيىشلىك، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، قېرى، ياش ھەممەيلەننىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان مېۋە-چىۋىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە داۋالاش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنى «دوختۇرنىڭ بىرىنچى دورىسى» دېيىشمەكتە.
بارلىق قىزىل رەڭلىك مېۋە، كۆكتاتلارنىڭ ئارىسىدا، نام-ئاتىقى ھەممىدىن ياخشىسى ئالمىدۇر. ئالمىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تەركىبىدە ھەرخىل ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار، ئۇ بارلىق مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇكەممەللىككە ئەڭ يېقىنلاشقىنىدۇر.
نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئالمىنى ئورۇقلاشتىكى زۆرۈر يېمەكلىك دەپ قارايدۇ، ئۇلار ھەر ھەپتىدە بىر كۈن يېمەكلىك تېجەيدۇ، بۇ بىر كۈندە پەقەت ئالمىلا يەيدۇ، ئۇلار بۇنى «ئالما كۈنى» دەپ ئاتىشىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئالما تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن C، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك كالتسىي، خروم، فوسفور، تۆمۈر، كالىي، سىنك، ناترىي قاتارلىقلار بار.
ئالما يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغداي ئىلاھ، يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ سالامەتلىك ئېلېمېنتى، ئۇنىڭ يەنە نەپەسلىنىش سىستېمىسىنى، جۈملىدىن ئۆپكىنى ياخشىلاش رولى بار بولۇپ، ئۆپكىنى بۇلغىنىش ۋە ئىس-تۈتەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلايدۇ.
يېڭى ئالما ھەم ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، ھەم قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭا ئۇ كىچىك بالىلار، ياشانغانلار ۋە ئاغرىقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئالمىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك تەڭشەش رولى بار بولۇپ، ئۇ بىرلا ۋىقىتتا ئىچ سۈرۈش ۋە قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.
ئالما ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ناچار ئىنكاسلىرىنى يەڭگىللىتىدۇ.
ئالما قان تولۇقلاشقا پايدىلىق، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. قان شېكىرىنىڭ تۇراقلىقلىقىنى ساقلايدۇ، خولېستېرولنى ئۈنۈملۈك ھالدا تۆۋەنلىتىدۇ. ئالما شىرنىسىنىڭ يۇقۇملۇق ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرۈش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك.
ئالما راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئالما خىلىت پەيدا قىلىپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، بىئاراملىقنى تۈگىتىش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاشقازانغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، يۈرەكنى كۈچەيتىپ، قۇۋۋەت تولۇقلاش، ئۈچەينى سىلىقلاش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىسسىقنى تارقىتىش، مەستلىكنى يېشىش قاتارلىق روللارغا ئىگە. ئالما يەنە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
ئالمىنىڭ كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تەبىئىي خۇش ھىدىنىڭ ئېنىق ھالدا بېسىم تۇيغۇسىنى تۈگىتىش رولى بار. ئالما يەنە بەدەننى ئورۇقلىتىپ، زەھەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، تېرە قارا پېگمېنتىنى، ئېچىتقۇنىڭ پەيدا بولۇشىنى تورمۇزلايدۇ، ئېغىز پۇراشنى يوقىتىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلار ئىشلار
ئالما يېيىشتە، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن سۇدا پاكىز يۇيۇۋېتىپ، شۆپۈكىنى ئاقلىۋەتكەندىن كېيىن يېيىش لازىم. بولۇپمۇ نۆۋەتتە مېۋىلىك دەرەخلەردىكى زىيانداش ھاشاراتلار ئاساسلىقى خىمىيىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن يوقىتىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئالما شۆپۈكىگە بىرقەدەر كۆپ دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ زەھەرلىك قالدۇقلىرى يىغىلىپ قالغان بولىدۇ.
ئالما كىچىك بالىلار، ياشانغانلار ۋە ئاغرىقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار كۈنىگە 2-1 دانە ئالما يەپ بەرسە، ھامىلىدارلىق سېزىكىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. ئەرلەر ئالمىنى ئاياللارغا قارىغاندا كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم، چۈنكى ئالمىنىڭ خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.
ئالما يېگەندە يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش لازىم، بۇنداق قىلىش ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئادەم بەدىنىدىكى كېسەللىكلەرنى ئازايتىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
ئالمىنى بىر قېتىمدا كۆپ يېمەسلىك لازىم، كۆپ يىگەندە تال-ئاشقازاننى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. تاماقنىڭ ئالدى-كەينىدە دەرھال ئالما يېمەسلىك، نورمال غىزالىنىش ۋە ھەزىم قىلىشقا تەسىر يېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئالما تەركىبىدە شېكەر ۋە كالىي تۇزى مول، تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، بۆرەك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى بارلار ئالمىنى كۆپ يېمەسلىكى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号