قايسى خىل يېمەكلىكلەردە ئاقسىل ئەڭ كۆپ بولىدۇ؟
مەنبە: نۇر تورى
يوللانغان ۋاقتى: 12:32 12-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 17994
ئاقسىلنى ياسىغىلى بولمايدۇ، ئۇنى پەقەت ئورگانىزم يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر توخۇ تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ئەڭ كۆپ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ھەر 100گرام توخۇ تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدە ئاران14.7 گرام ئاقسىل بولىدۇ. سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە بولسا 41.2گىرام بولۇپ، تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە ھەممە يېمەكلىكنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. 500گىرام سېرىق پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1.25كىلوگرام كالا گۆشى، 1.5كلوگرام توخۇ تۇخۇمى، ئالتە كلوگرام كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن باراۋەر. تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى توخۇ ۋە كالا گۆشى بولۇپ، ھەر 100 گرام تەركىبىدە ئەتراپىدا 20گىرام ئاقسىل بولىدۇ. ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى بېلىق بىلەن قوي گۆشى بولۇپ، ھەر 100گىرام تەركىبىدە 17گىرام ئەتراپىدا ئاقسىل بولىدۇ، گۈرۈچ بىلەن ئۇن تەركىبىدە 10گىرامدىن تۆۋەن ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر كۈنىگە 80-100گىرامغىچە ئاقسىلغا ئېھتىياجلىق.