ناۋات قۇمۇش شېكىرىگە ئاقسىللىق خام ئەشيانى قوشۇپ، قايتا ئېرىتىش، تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىشتىن كېيىن يېڭىباشتىن كرىستاللىنىپ ھاسىل بولغان چوڭ دانچىلىك كرىستاللانغان شېكەردىن ئىبارەت بولۇپ، يەككە كرىستاللىق ۋە كۆپ كرىستاللىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ، سۈزۈك ياكى يېرىم سۈزۈك ھالەتتە بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ناۋات گالنى سىلىقلاشتۇرۇپ، يۈرەكنى تازىلاش، بىئاراملىقنى تۈگىتىپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، مەنپىيلىكنى كۈچەيتىپ، خىلىت پەيدا قىلىش، ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، يۆتەلنى توختىتىش رولىغا ئىگە؛ ئۆپكە قۇرغاقلىشىشتىن يۆتىلىش، بەلغەمسىز قۇرۇق يۆتەل، قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى قوشۇمچە داۋالاش رولى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار شۇنىڭدەك ھامىلىدار ئاياللار، بالىلار ناۋاتنى ئاز ئىستېمال قىلىشى، دىئابېت كېسىلى، قان شېكىرى يۇقىرىلىق كېسىلى بارلار ناۋات ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
ئادەتتە ناۋاتنى نېلۇپەر ئۇرۇقى، ئاق مور، قارلىغاچ ئۇۋىسى، نەشپۈت قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ھەرخىل دورىلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشقا بولىدۇ.
ناۋاتنى ئەينەك قاچىغا سېلىپ، سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇپ ساقلاش، نەم تارتىپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. ئۇنىڭ سۈپەت مۇددىتى 18 ئاي.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号