چېچەكسەي (花椰菜) كرېسىت گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە كۆكتات، بىر-ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئەسلىدە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىن چىقىدۇ، كاللەكبەسەيدىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ بارلىققا كەلگەن. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىغا كىرگەن، ئەڭ دەسلەپتە گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلگەن.
ھازىر بازارلاردا كۆپرەك ئۇچراتقىلى بولىدىغان چېچەكسەي ئاق رەڭلىك ۋە يېشىل رەڭلىك ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئاق رەڭلىك چېچەكسەينىڭ ئېغىز سېزىمى جۇڭگولۇقلارنىڭ قىزىقىشىغا بىر قەدەر مۇۋاپىق كېلىدۇ؛ يېشىل رەڭلىك چېچەكسەي بولسا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئاندىن ئەۋج بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ئاق رەڭلىك چېچەكسەينىڭكىدىن ياخشىراق.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
چېچەكسەي تەركىبىدە ۋىتامىنC، ۋىتامىنK، فلاۋونوئىد، فوسفور، كالتسىي قاتارلىقلار بار. ھەر 100 گرام چېچەكسەي تەركىبىدە 88 مىللىگرام ۋىتامىنC، 33~66 مىللىگىرام فوسفور، 18 مىللىگرام كالتسىي بولىدۇ. چېچەكسەي تەركىبىدىكى ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.
چېچەكسەي روشەن ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
چېچەكسەي ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت چېچەكسەي ئىستېمال قىلغاندا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بەلكى يەنە خولېستېرولنىڭ ئوكسىدلىنىشىنى، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئۇيۇپ كاللەكلىشىشىنى توسىدۇ، ئۇنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە قان بۇزۇلۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
چېچەكسەينى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە كېكىردەكنى ياخشىلاش، ئاۋازنى ئوچۇق قىلىش، ئۆپكىنى سىلىقلاش، يۆتەل توختىتىش رولى بولىدۇ.
چېچەكسەينى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، سۈت بېزى راكى، ئېھتىماللىقىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئامېرىكا راك كېسىلى تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەرخىل كۆكتات،، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئارىسىدا چېچەكسەي، بەسەينىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ھەممىدىن ياخشى ئىكەن.
چېچەكسەينى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قان تومۇر دىۋارىنى كۈچەيتىپ، قان تومۇرنى ئاسان يېرىلىپ كەتمەيدىغان قىلىدۇ.
چېچەكسەي يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان تومۇرلارنى تازىلايدۇ، خولېستېرولنىڭ ئوكسىدلىنىشنى، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ كاللەكلىشىشىنى توسۇش ئارقىلىق يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.
چېچەكسەي ئەر-ئايال، قېرى-ياش ھەممەيلەننىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، لېكىن سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولغانلار چېچەكسەي ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
چېچەكسەينى سۇدا تېز قاينىتىپ پىشۇرغان ياكى كۈچلۈك ئوتتا تېز قورۇغاندىن كېيىن تەمى تاتلىق بولىدۇ. ۋىتامىنA ياغ بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا سۈمۈرۈلۈش نىسپىتى ئاشىدىغانلىقتىن، چېچەكسەينى ياغدا قورۇپ ئىستېمال قىلغان ياخشىراق.
چېچەكسەي ئاشقازان-ئۈچەيدە پارچىلانغاندىن كېيىن ئاسانلا قورساقنى ئېسىلدۇرىدۇ. بىرا، چېچەكسەينى قورۇيدىغان چاغدا سامساق، قارىمۇچ، ئارپىبەدىيان قاتارلىق ئچچىق تەم خۇرۇچلىرىنى ئىشلەتسە، قورساق ئېسىلىشنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ، يەنە ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشقا يادەم بېرىدۇ.
گەرچە چېچەكسەينىڭ ئوزۇقلۇقى مول بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ھەمىشە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقى بولىدۇ، يەنە ئاسانلا بەسەي قۇرتى پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇنى تۇز سۈيىگە بىر نەچچە مىنۇت چىلاپ قويسا، بەسەي قۇرتى قېچىپ چىقىدۇ ھەم قالدۇق دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
چېچەكسەيدىن تاماق تەييارلاشتا، ئۇنى بەك ئېزىلدۇرۇپ پىشۇرۇۋەتمەسلىك لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号