• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · كۈنجۈت 芝麻
  • · ئارپىبەدىيان 小茴香
  • · ئارپا ئۈندۈرمىسى 麦芽
  • · ئارپا 大麦
  • · سۇلۇ 燕麦
  • · بۇغداي
  • · سەۋزە
  • · نومى گۈرۈچ
  • · سۆك-تېرىق (小米)
  • · زىغىر يېغى 胡麻油
  • · زەيتۇن يېغى 橄榄油
  • · زاراڭزا يېغى 红花子油
  • · بېدىنىڭ شىپالىق رولى
  • · كۆكتات يىيىشتە بىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
  • · كەرەپشىنىڭ شىپالىق رولى (چىڭسەي)
  • · تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى
  • · سەۋزىنىڭ شىپالىق رولى
  • · باش پىيازنىڭ شىپالىق رولى
  • · يەسىۋىلەكنىڭ شىپالىق رولى
  • · تەرخەمەكنىڭ شىپالىق رولى
  • · يازلىق يەسىۋىلەكنىڭ شىپالىق رولى
  • · كۈدە (جۈسەي) نىڭ شىپالىق رولى
  • · قىچىنىڭ شىپالىق رولى
  • · كۆك كاۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • · پالەكنىڭ شىپالىق رولى
  • · پېدىگەننىڭ شىپالىق رولى
  • · ئاچچىق كاۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • · شوخلىنىڭ شىپالىق رولى (2)
  • · چېچەكسەينىڭ شىپالىق رولى
  • · قارامورنىڭ شىپالىق رولى
  • · كۆكمۇچنىڭ شىپالىق رولى
  • · قوي گۆشىنىڭ شىپالىق رولى
  • · ياڭيۇنىڭ شىپالىق رولى
  • · كاۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • · توشقان گۆشىنى شىپالىق رولى
  • · ئات گۆشى
  • · كالا گۆشىنىڭ شىپالىق رولى
  • · توخۇ گۆشىنىڭ شىپالىق رولى
  • · قىچا يېغىنىڭ شىپالىق رولى
  • · توخۇ تۇخۇمىنىڭ شىپالىق رولى
  • · كالا سۈتى
  • · قېتىقنىڭ شىپالىق رولى
  • · خاسىڭ يېغىنىڭ شىپالىق رولى
  • · پۇرچاق سۈتىنىڭ شىپالىق رولى
  • · كۈنجۈت يېغى
  • · ئۆردەك گۆشىنىڭ شىپالىق رولى
  • · جىياڭيۇنىڭ شىپالىق رولى
  • · ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ شىپالىق رولى
  • · ئاچچىقسۇ
  • · ئاق شېكەر
  • شوخلىنىڭ شىپالىق رولى (2)
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 13:41 12-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 16248
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى


    شوخلا 1~2 يىللىق غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنڭ مېۋىسى. بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ شاخ-يۇپۇرماقلىرى قويۇق ئۆسىدۇ، سېرىق رەڭدە ئۇششاق چېچەكلەيدۇ، مېۋىسى ئۆسۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ھالدا قېنىق يېشىل رەڭدىن ئوچۇق قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. قىزارغان شوخلا يۇمشاق، شىرنىلىك بولۇپ، ئادەمنىڭ بەكمۇ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.

    شوخلا ئەسلى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاندىس تاغ تىزمىلىرى ئەتراپىدىن چىقىدۇ، ئۇنىڭ جۇڭگو خەلقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆكتاتلىقىدىكى بىر خىل مۇھىم كۆكتاتقا ئايلىنىشى يېقىنقى يېرىم ئەسىردىكى ئىش.

    كۆكتات بازارلىرىدىكى شوخلا ئاساسلىقى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى قېنىق قىزىل شوخلا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر، كىسلاتا مىقدارى يۇقىرى، پۇرىقى كۈچلۈك؛ يەنە بىر تۈرى ئاچ قىزىل شوخلا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر، كىسلاتا مىقدارى تۆۋەن، ئانچە پۇرىقى يوق. ئەگەر خام يېمەكچى بولسا، ئاچ قىزىل شوخلىنى تاللاش لاىم، چۈنكى بۇ خىل شوخلا ئانچە پۇرىمايدىغان بولۇپ، خام يېيىشكە ياخشى؛ ئەگەر قورۇپ يېمەكچى بولسا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قېنىق قىزىل شوخلىنى تاللاپ سېتىۋېلىش لازىم، چۈنكى بۇ خىل شوخلىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولغاچقا، شورپا ياكى قورۇمىنىڭ تەمى ياخشى بولىدۇ.

    ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

    شوخلا تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنB6، ۋىتامىنA، ۋىتامىنC، ۋىتامىنD، ۋىتامىنP قاتارلىقلار بار، بۇلاردىن ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى ئالمىنىڭكىنىڭ 3~4 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.

    شوخلا بەدەندىكى بەزى تۈردىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ، راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتېماللىقىنى ئازايتىدۇ.

    شوخلىنىڭ تەم تاتلىق چۈچۈمەل، تەبىئىتى سەل سوغۇق بولۇپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. 

    شوخلا يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغدايدۇ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، توساتتىن ئۆزگىرىشنى تىزگىنلەش، يادرو كىسلاتاسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىش قاتارلىق كۆپ خىل رولى بار. شوخلا يەنە ئەركىن رادىكاللارنى تۈگىتىپ، ھۈجەيرىلەرنى ئاسرايدۇ، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى ئازايتىدۇ.شوخلىنىڭ مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولغاندىن باشقا، يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، تۈز ئۈچەي راكى، كېكىردەك راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، ئۆپكە راكى، سۈت بېزى راكى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.

    شوخلا كالتسىي، تۆمۈر ئېلېمېنتلىرىنىڭ شۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ياغ ۋە ئاقسىلنى ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. 

    شوخلا قىل قان تومۇر قاناش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنى توسىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    شوخلىنىڭ چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى بار.

    شوخلىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، خىلىت پەيدا قىلىش رولى بار. ئېغىز يارىسىغا مۇپتىلا بولۇپ قالغاندا، شوخلا شىرنىسىنى ئېغىزغا ئېلىپ جاراھەت يۈزىگە تەككۈزۈپ بىر قانچە مىنۇت تۇرسا، بۇنى كۈنىگە بىر قانچە قېتىم تەكرارلىسا، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

    شوخلىنىڭ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، قاننى سوۋۇتۇپ، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، يۇقىرى قان بېسىم، بۆرەك كېسىلى بارلارغا قارىتا ناھايىتى ئوبدان قوشۇمچە داۋالاش رولى بار.

    شوخلا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشىنى ساقلايدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاشتا پايدىلىق ۋە تېرىنى ئاسرايدۇ. شوخلىنىڭ شىرنىسى كۆپ بولۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بۆرەك كېسىلى بارلارنىڭمۇ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

    شوخلىنىڭ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

    ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.

    شوخلىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئاساسەن خام يېيىش، پىشۇرۇپ يېيىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئۈچكە ئايرىلىدۇ. خام يېيىش، پىشۇرۇپ يېيىشكە ئىشلىتىلىدىغان شوخلا سورتى پوستى نېپىز، سۈيى كۆپ، تمىنىڭ چۈچۈمەل-تاتلىقلىقى ئوتتۇراھال بولسا بولىدۇ؛ پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدىغان شوخلا بولسا پوستى قېلىن، سۈيى ئاز، قىيام، شىرنە ئىشلەش ۋە شېكەرلەشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بولسا بولىدۇ، لىكوپىننى كۆپرەك قوبۇل قىلماقچى بولسا، شوخلىنى قورۇما قورۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ؛ شوخلىنى توغراپ زەيتۇن يېغى بىلەن قورۇپ ئىستېمال قىلسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

    سوخلىنى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلى بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. 

    ئالىملار ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شوخلا تەركىبىدە نىكوتىن بارلىقىنى بايقىدى. ئەگەر شوخلا خام ئىستېمال قىلىنسا، ئادەم بەدىنىگە كىرىدىغان نىكوتىننىڭ مىقدارى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇپرايدىغان زىيان، تاماكا ئىسى قاپلىغان مۇھىتتا تۇرۇپ مەجبۇرىي ئىسلىنىپ ئۇچىرايدىغان زىيانغا يېقىنلىشىدۇ.

    ئۆتكۈر ئۈچەي ياللۇغى، باكتېرىيىلىك تولغاق كېسىلى بارلار ۋە يارىنىڭ ھەرىكەتچان دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلار شوخلا ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.

    شوخلىنى قورۇيدىغان، پىشۇرىدىغان چاغدا ئازراق ئاچچىقسۇ قويۇۋەتسە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى زىيانلىق مادداـــ شوخلا ئىشقارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

    قىزارمىغان شوخلىنى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号