ئاچچىق كاۋا(苦瓜) قاپاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى بولۇپ، تەمى ئاچچىق بولغانلىقتىن شۇنداق نام بېرىلگەن. ئاچچىق كاۋا باشقا كۆكتاتلار بىلەن بىللە پىشۇرۇلسا ياكى قورۇلسا، ئۇنىڭ ئاچچىق تەمى ھەرگىز باشقا يېمەكلىكلەرگە ئۆتۈشمەيدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئاچچىق كاۋا تەركىبىدە ۋىتامىنC، ئامىگدالىن، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار.
ئاچچىق كاۋا تەركىبىدىكى ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى ھەر 100 گىرامدا 84 مىللىگىرامغا يېتىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن كۆك كاۋىنىڭكىنىڭ بەش ھەسسىگە، تەرخەمەكنىڭكىنىڭ 14 ھەسسىگە، كاۋىنىڭكىنىڭ 21 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.
ئاچچىق كاۋىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق بولۇپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىش، يۈرەكتىكى ئىسسىقلىقنى پەسەيتىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، باھنى كۈچەيتىش رولى بار. يېڭى ئاچچىق كاۋىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچكەندە، ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىپ قىزىشقا قارىتا مۇئەييەن داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ.
ئاچچىق كاۋىنىڭ روشەن قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. ئۇ شېكەنىڭ پارچىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئوشۇقچە شېكەرنى ئىسسىقلىق ئېنىېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، بەدەندىكى ياغنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ. دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئەگەر ئاچچىق كاۋىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ئاجايىپ ياخشى بولىدۇ.
ئاچچىق كاۋا قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ. جۇڭيى تېبابەتچىلىكى ئاچچىق كاۋا بەدەندىكى ئىسسىقنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىنى مۇستەھكەم ساقلاپ، ئادەم بەدىنىنى ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقارغۇزىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئاچچىق كاۋا ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئاچچىق كاۋا ئادەمنىڭ تەم سېزىش نېرۋىلىرىنى غىدىقلاپ ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئاچچىق كاۋا زىيادە قوزغىلىپ كەتكەن بەدەن تېمپېراتۇرىسى مەركىزىنى تورمۇزلاپ، ئىسسىقنى بېسىپ، قىزىتما قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
تومۇز ئىسسىق ياز پەسلىدە، بالىلارغا ھەمىشە ئىسسىقلىق ئۆرلەپ قالىدۇ، بۇنداق چاغدا ئاچچىق كاۋىنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىدە بەدىنىنى سۈتۈپ بەرسە، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، قىچىشىشنى توختىتىش، ئىسسىقلىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمى بولىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئاچچىق كاۋىنى قورۇپ يېسىمۇ، شورپا قاتنىتىپ ئاچسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئاچچىقتىن قورقسا، ئاچچىق كاۋىنى لازا بىلەن بىللە قورۇپ يېسە بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئاچچىق تەمىنى ئازايتقىلى بولىدۇ ياكى ئاچچىق كاۋىنى يالپاقلاپ توغراپ، ئۈستىگە ئازراق تۇز چېچىپ بىردەم تۇرغۇزغاندىن كېيىن تۇزنى چايقاپ چىقىرىۋەتسە، ئاچچىق كاۋىنىڭ ئاچچىقى قالمايدۇ. ئاچچىق كاۋىنى پارچىلاپ توغراپ سۇدا پىشۇرغاندىن كېيىن، سۈزۈۋېلىپ سوغۇق سۇغا چىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.
ئاچچىق كاۋا تەركىبىدە خىنىن بولغانلىقتىن، بالىياتقۇنى غىدىقلاپ تارايتىپ، بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ئاچچىق كاۋا ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاچچىق كاۋىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، تال-ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر ئۇنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号