پالەكنىڭ ئۇرۇقى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تاڭ تەيزۇڭنىڭ جېنگۇەن 2-يىلى (مىلادىيە 628-يىلى) نېپالدىن سوۋغات سۈپىتىدە ئېلىمىزگە كىرگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پالەك تا ھازىرغىچە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. شۇنىڭدىن يەنە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندە، پالەك ئاندىن ئىسپانىيىگە تارقىلىپ كىرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى ئەللەرگە تارقالغان، بۇگۈنكى كۈندە ئۇنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
پالەك تەركىبىدە ۋىتامىنB6، ۋىتامىنA، ۋىتامىنC، شۇنىڭدەك تۆمۈر، ماگنىي، كالىي، كالتسىي قاتارلىقلار بار.
پالەك كۆزنى نۇرلۇق ۋە چىرايلىق قىلىدۇ، نامازشام قارىغۇسى كېسىلى ۋە جاۋىغاي ياللۇغىنى داۋالايدۇ.
پالەك كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ چېكىنىش خەۋپىنى ئازايتىپ، بۇ ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرايدۇ.
پالەك قان بېسىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ، كۆپ خىل راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھامىلىدار ئاياللار پالەكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ھامىلىنىڭ غەيرىي نورمال تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پالەك تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى داۋالايدۇ.
پالەك ئاشقازان-ئۈچەينى تازىلاپ، بەدەننى زىلۋالاشتۇرىدۇ.
پەلەك قېرىشقا قارشى تۇرۇش، ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە، قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.
پالەك ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىدىكى ئىسسىقلىق زەھىرىنى تازىلايدۇ؛ جۇڭيى تېبابەتچىلىكى، پالەكنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، قاننى تولۇقلايدۇ، قاننى توختىتىدۇ، مەنپىيلىكىنى چەكلەپ، قۇرۇقلۇقنى ھۆللەيدۇ، بۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپ، ئادەمنىڭ چىرايىنى نۇرلۇق قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
پالەك پىشۇرۇلغاندىن كېيىن يۇمشاق ھەم سىلىق بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ياشانغانلار، كىچىك بالىلار، ئاغرىقچان، تېنى ئاجىزلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. كومپىيوتېر مەشغۇلاتچىلىرى، ئاياللار دائىم پالەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى لازىم. دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دائىم پالەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە قان شېكىرىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
پالەكنى يېڭى نېلۇپەر يەر ئاستى غولى بىلەن بىللە كۈنجۈت مېيىدا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە جىگەرنى تازىلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ؛ قوي جىگىرى پالەك شورپىسى كۆز قۇرغاقلىشىش، ئاغرىش مەسىلىسىنى ياخشىلايدۇ. پالەك سېلىپ قورۇما قورۇشتا ئەڭ ياخشىسى كۈنجۈت مېيى ئىشلىتىلسە، قورۇمىنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، بەلكى پالەكنىڭ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
پالەك تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. پالەك قايناق سۇغا بېسىۋېتىلسە، ئۇنىڭ قىرتاق تەمى ۋە چۆپ كىسلاتاسى چىقىپ كېتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ پالەك تەركىبىدىكى كالتسىينى سۈمۈرۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
پالەكنى دۇفۇ بىلەن بىللە قورۇپ ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى پالەك تەركىبىدىكى چۆپ كىسلاتاسى ئاسانلا دۇفۇ تەركىبىدىكى كالتسىي بىلەن بىرىكىپ، كالتسىي ئوكسالاتنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشى ئۈچۈن پايدىسىز.
پالەك ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە باشقا بەزى ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: خەيدەي، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا، كالتسىي ئوكسالاتنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
پالەكنى قان ئۇيۇشقا قارشى دورىلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. كىچىك بالىلار، كالتسىي يېتىشمەسلىك، كۆمۈرچەك كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى بارلار، بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغانلا، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر پالەكنى خام ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. بالىلارغا پالەكنى كۆپ يېگۈزمەسلىك لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号