كۈدە (جۈسەي) گۈلسامساق ئائىلىسى پىياز ئۇرۇقدىشىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. ئۇنىڭ رەڭگى ياپتېشىل، تەمى ئاچچىق، خۇش پۇرىقى قويۇق بولۇپ، ئۇ مەيلى گۆشلۈك قورۇمىلارغا ئىشلىتىلسۇن ياكى گۆشسىز قورۇمىلارغا ئىشلىتىلسۇن، تاماققا ئۆزگىچە تەم كىرگۈزىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كۈدە تەركىبىدە ۋىتامىنC ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. كۈدە تەركىبىدىكى ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى پېدىگەننىڭكىدىن تۆت ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.
كۈدىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، بۆرەكنى ئىللىتىپ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تالغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، خىلىتنى ھەرىكەتكە كۈلتۈرۈپ، قاننى تەڭشەيدۇ. كۈدىنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، جىگەرنى ئاسراپ، تال-ئاشقازاننىڭ قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.
كۈدە قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش ۋە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. كۈدە يەنە تېرە تۈك خالتىسىدىكى قارا پىگمېنتنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە تېرىدىكى ئاق داغنى يوقىتىدۇ، چاچنى قارا ۋە پاقىراق قىلىدۇ.
كۈدىنى سوقۇپ شىرنىسىنى چىقىرىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىپ ھۇشسىرلىنىشقا شىپا بولىدۇ. كۈدىنىڭ ئوتقا قاقلاپ قىزىتىپ، كېسەللەنگەن جايغا سۈركەپ بەرسە، يالتاشما (ئېشەكيېمى) غا شىپا بولىدۇ. كۈدە ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ.
كۈدە جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ، دورا قامۇسلىرىدا ئۇ « زەكەرنى قوزغاتقۇچى گىياھ» دەپ ئاتالغان، بۇ جەھەتتە ئۇ بۈگۈنكى كۈندىكى جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغان زامانىۋىي دورىلاردىن قېلىشمايدۇ.
كۈدە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت ۋە ئۈچەي راكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ. كۈدە يەنە ھەزىم قىلىش يولىدىكى چاچ، قۇم شېغىل، مېتال پارچىلىرى ھەتتا يىڭنىنى ئوراپ، چوڭ تەرەت بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ «ئۈچەي تازىلىغۇچى چۆپ» دېگەن نامى بار.
كۈدىنىڭ ئىچكى ئەزالارنى ئىللىتىپ، يەلنى ماڭدۇرۇش، قاننى تارقىتىپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كۈدىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ، ئۇنى ھەم باشقا خام ماتېرىياللار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ قورۇما قورۇشقا ئىشلەتكىلى ھەم تەم تەڭشىگۈچى ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلەتكىلى ۋە قىيمىلىق تاماققا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
كۈدە ئەتىياز پەسلىدە ئىستېمال قىلىنسا جىگەرگە پايدىلىق بولىدۇ. باش ئەتىيازدىكى كۈدىنىڭ سۈپىتى ھەممىدىن ياخشى، كەچكۈزدىكىسىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ياز پەسلىدىكىسىنىڭ ئەڭ ناچار بولىدۇ. شۇڭا «كۈدىنى ئەتىيازدا يېسەڭ مەززىلىك تېتىيدۇ، يازدا يېسەڭ سېسىق پۇرايدۇ» دېگەن گەپ بار.
پىشۇرۇپ بىر كېچە تۇرۇپ قالغان كۈدىنى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
كۈدە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئادەمنىڭ ئىسسىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەم ئاسانلىقچە ھەزىم بولمايدۇ، شۇڭا مەنپىيلىك زەئىپلىشىشتىن ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر، كۆز كېسىلى بارلار ۋە ئاشقازان-ئۈچىيى ئاجىزلاشقانلار كۈدىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
كۈدىنى ھەسەل، كالا گۆشى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号