كەرەپشە (چىڭسەي) ئەسلىي ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى سازلىق رايونلاردىن چىقىدۇ. ئېلىمىزدە كەرەپشە ئۆستۈرۈش تارىخى ئۈچ مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ.
كەرەپشە جۇڭگو تىپلىق (يەرلىك) ۋە ياۋروپا تىپلىق (غەرىبنىڭ) دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. غەرب كەرەپشىسىنىڭ يوپۇرماق ساپىقى توم، يەرلىك كەرەپشىنىڭ يوپۇرماق ساپىقى ئىنچىكە بولىدۇ. كەرەپشىنى ھەم قورۇپ ھەم سوغوق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. نۇرغۇن تەتقىقاتلار كەرەپشىنىڭ ناھايىتى ياخشى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بىر خىل ئۆسۈملۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كەرەپشە تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنC، ۋىتامىنP شۇنىڭدەك كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، ھەر 100 گرام كەرەپشە تەركىبىدە 8.5 مىللىگىرام كالتسىي، 61 مىللىگىرام فوسفور، 8.5 مىللىگىرام تۆمۈر بولىدۇ. بۇلاردىن تۆمۈرنىڭ مىقدارى پېدىگەننىڭكىنىڭ 20 ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ.
كەرەپشىنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، ئاشقازاننى ياخشىلاپ، ئىچكى ئەزالارنى ئىللىتىدۇ، ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ، يۈرەك قىزىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ تىت-تىت بولۇشنى تۈگىتىدۇ، قېيىپ قالغان قاننى تارقىتىپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، تالنى كۈچەيتىپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، نەم ئىسسىقنى يۈگىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، باش قېيىشنى توختىتىش ئۈنۈمى بار.
كەرەپشىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە تىنىچلاندۇرۇش ۋە قان تومۇرلارنى ئاسراش رولى بار، ئۇ يەنە سۆڭەكنى كۈچەيتىپ، بالىلار كۆمۈرچەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كەرەپشىنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، قان تومۇر قېتىشىشى، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك قوشۇمچە داۋالاش رولى بار.
كەرەپشىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك ئۈچەي تازىلاش رولى بار بولۇپ، ئۈچەيدىكى سۇ ۋە ئارىلاشما ماددىلارنىڭ شۈمۈرۈپ ئېلىپ كېتىپ، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلار، ھەتتا راك پەيدا قىلغۇچى تەركىبلەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇڭا كەرەپشە ئورۇقلىتىش، ھۆسن تۈزەشتىكى خاسىيەتلىك بۇيۇم دەپ قارىلىدۇ.
كەرەپشىنىڭ يوپۇرمىقى، غولى تەركىبىدە ئۇچۇچان ماددىلار بولۇپ، ئۆزگىچە ىۇش پۇراق تاتقىتىپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. كەرەپشە شىرنىسىنىڭ قان شېكىرىنى تۆەنلىتىش رولى بار، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتا بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمى بار.
كەرەپشە ئادەمنىڭ جىنسىي قوزغىلىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، غەبلىكلەر ئۇنى «ئەر-خوتۇن كۆكتاتى» دەپ ئاتايدۇ، يۇقىرىقى سەۋەب تۈپەيلى، كەرەپشە قەدىمكى گرېتسىيىدە راھىبلارنىڭ يېيىشى مەنئىي قىلىنغان يېمەكلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. تايلاندتىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، دائىم كەرەپشە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىدىغانلىقى، شۇڭا كەرەپشىنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكى بايقالغان.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كۆپ ساندىكى كىشىلەر كەرەپشىنىڭ يوپۇرمىقىنى ئۈزۈپ تاشلىۋېتىپ، پەقەت غولىنىلا ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن، بۇ ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس. كەرەپشىنىڭ يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى كاروتىن ۋە ۋىتامىنC غولىدىكىدىن كۆپ، يۇپۇرمىقى تەركىبىدە تۆمۈرنىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن مول.
كەرەپشىنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، شۇڭا قان بېسىمى تۆۋەنرەك كىشىلەر كەرەپشە ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号