ئەرەپچە نامى: ھەندە قوقا، رەتبە
تونۇش: ب پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياتما يىلتىزلىق سامان غوللۇق كۆك گۈللۈك بېدە ۋە تىكەنلىك بېدىنىڭ پۈتۈن چۆپى بولۇپ، ب ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى ۋاقىتتىكى كۆكى تۇرمۇشتا <بېدە> دېيىلىپ، ئوتياش ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، تېبابەتتە <رەتبە> نامى بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
شىپالىق رولى: تەرەتى يۇمشىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە
ئىشلىتىلدىغان كېسەللىكلەر: سوغۇقتىن بولغان ئىششىقلار، تارتىشىپ قېلىش، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش، ھەيز توسۇلۇش، كۆكرەكنىڭ قۇرۇقلۇقى، يۆتەل قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بېدىنى شېكەر بىلەن داۋاملىق يەپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىدۇ، ياخشى قان پەيدا قىلىدۇ، بېدىنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ياغلىسا، سوغۇقتىن بولغان ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ياغلىسا، ئىىقتىن بولغان ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، داۋاملىق پىشۇرۇپ يەپ بەرسە تارتىشىپ قېلىشنى داۋالايدۇ، بېدىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا قارىغاندا ئۇرۇقى كۈچلۈك كېلىدۇ. بېدىنىڭ ئۇرۇقىدا ياغ تارتىپ ئىچىپ ۋە ياغلاپ بەرسە لەقۋا ۋە تاتىشىپ قېلىشقا پايدا قىلىدۇ، ئۇرۇقنىڭ تۈتۈنىدە داۋاملىق ئىسلاپ بەرسە پالەچكە پايدا قىلىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: قورساقنى ئېسىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号