• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · ھامىلىگە زىيانلىق خىزمەتلەر (2)
  • · قانداق ئانىلار بالا ئىمىتسە بولمايدۇ
  • · غەيرىي ھامىلە تۇغۇلۇشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك
  • · سۈت ئازلىق
  • · ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش
  • · بالىنىڭ ئوغۇل قىزلىقىنى ئايرىش ئۇسۇلى
  • · قىشتا بوۋاقلارنى ھىم زاكىلىماڭ
  • · تۇغما سىفلىس كېسىلى
  • · ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۇشتۇمتۇت قان كېلىش
  • · بالا ھەمرىيى چۈشمەسلىك
  • · بالدۇر تۇغۇت
  • · بويىدىن ئاجىراپ كېتىش
  • · ھامىلدارلىق مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • · ھامىلدارلىققا دىئاگنوز قويۇش
  • · ھامىلدار بولۇش
  • · ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت
  • · بالىلارنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىغا ئانىلاردىكى گېن سەۋەب بولىدىكەن
  • · كارتون فىلم ۋە ئاغرىق بالىلار
  • · بالىلارنىڭ يانفونى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى
  • · بالىلاردىكى ھۆل تەمىرەتكىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى
  • · ئاياللار ۋە تەنھەركەت
  • · تېرە كېسىلى بار بالىلار سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەسلىك كېرەك
  • · قانداق قىلغاندا بوۋاقلاردىكى ئومۇرتقا تۈۋرىكىنىڭ قىڭغىر ئۆسۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
  • · ئانا سۈتى
  • · ئۇخلاش ھالىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ
  • · ئوزۇقلۇق ۋە بالىلار
  • · بالىلار ھەپتە ئاخىرىدا كۆپرەك ئۇخلاپ بەرگىنى ياخشى
  • · بالىلارنىڭ كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىدىش سەۋەبلىرى
  • · كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچى نېمە ئۈچۈن ئاسان قېتىۋالىدۇ؟
  • · بوۋاقلاردىكى قىزىل كاسا كېسىلىنى داۋالاش
  • · بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئامىللار
  • · بوۋىقىڭىز تاماق يېمىسە خالىغانچە مەجبۇرلىماڭ
  • · بوۋىقىڭىزنى خالىغانچە ئۇپىلىماڭ
  • · كېرىلىپ بېرىش بوينى ئۆسۈشىگە پايدىلىق
  • · بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي،جىسمانىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
  • · ئانىلار قىز بوۋاقنىڭ جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك
  • · بالىلار ئائىلە زوراۋانلىقىنى دائىم كۆرۈۋەرسە، چوڭ مېڭىنىڭ كۆرۈش سېزىمى پوستلاق قەۋىتى يىگىلەپ قالىدۇ
  • · بالىنى قاتتىق تەۋرىتىپ ياكى لىڭشىتىپ بەزلەشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك
  • · بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار قېنىق گىرىم قىلماسلىقى كېرەك
  • · بالىلار نېمە ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدۇ؟
  • · بالدۇر تۇغۇلۇش
  • · يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق كېچىسى ئۇخلىماي، كۈندۈزى ئۇخلىسا..
  • · تەييار سۈت ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟
  • · بوۋاقلارنى كالا سۈتى بىلەن باققاندا
  • · ئانا سۈتىدە زادى نېمە بار؟
  • · بالىلارنىڭ شالۋىقى ئاقسا قانداق قىلىش كېرەك؟
  • · ئانا سۈتى قانداق پەيدا بولىدۇ ؟
  • · زىيادە تېلېۋىزور كۆرىدىغان بالىلار ئوڭايلا زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن
  • · نىمە ئۈچۈن بوۋاقلار سۈت ياندۇرىدۇ ؟
  • · نىمە ئۈچۈن بوۋاقلار ئىمىشكە باشلىسىلا يىغلايدۇ
  • ئوزۇقلۇق ۋە بالىلار
    مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقتى: 15:07 13-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 16788
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى

    بالىلارغا ياخشى يېگۈزۈپ، ئۇلارنى ساغلام ئۆستۈرۈش ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى. نۇرغۇن ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىگە تاماقنىڭ ياخشىسىنى بېرىپ، ئۇلارغا مېھرىنى يەتكۈزۈشنى ئويلايدۇ. ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتىمىزدىمۇ بالىلارغا تاماقنىڭ ياخشىسىنى بېرىش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تاماقلانغاندا، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قاچىسىدىكى گۆش ۋە قورۇمىلارنىڭ ياخشىلىرىنى پارلاپ بېرىدۇ. ئالايلۇق: گۆشنىڭ ياغسىز يېرىنى، توخۇنىڭ پاچىقىنى، بېلىقنىڭ قىلتىرىقسىز يېرىنى دېگەندەك. بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ كاللىسىدا چوڭلارنىڭ ماڭا كۆيۈنۈشى، ياخشى تائاملارنى بېرىشى مۇقەررەركەن، دېگەن ئاڭ شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ياخشى تائاملارنى يېيىشىگە، ياخشى تۇرمۇش كۆرۈشىگە چىدىمايدىغان، ھەتتا ئاتا – ئانىسى، قان – قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزىدىن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگىمۇ ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    ئاتا – ئانىلار ئائىلىدە ئۆز پەرزەنتلىرىگە ھەم مېھرىبان ئاتا – ئانا، ھەم كۆيۈمچان ئۇستاز بولۇشى لازىم. ئائىلىدىكى چوڭ – كىچىك ئىشلاردىكى بولمىغۇر ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىنلا باشقىلار بىلەن جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، ئاتا – ئانىسىغا، قېرىنداشلىرىغا، دوست – بۇرادەرلىرىگە كۆيۈنىدىغان ئەقىللىق، زېرەك ۋە مېھرىبان بالا بولۇشقا يېتەكلىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار ئائىلىدە تاماقلىنىش ئادىتىگە دىققەت قىلىشى، چۆمۈچكە نېمە چىقسا، بالىلارغا شۇنى بېرىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا بالىلار تۇرمۇشتىكى نەرسىلەرنى ئادىل، تەڭ تەقسىم قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ چوڭىيىدۇ، باشقىلار بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان قاراشنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

    ئادەتتە، چوڭلار بالىلارغا مېھرىنى ئايىماسلىققا ئادەتلەنگەن. بولۇپمۇ ئاتا – ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتلىرىگە يېمىگەننى يېگۈزۈشنى، كىيمىگەننى كىيگۈزۈشنى، ئۇلار نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى تەييارلاپ بېرىشنى، ئادەم ھۇزۇرلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۇلارنىمۇ ھۇزۇرلاندۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئەمما شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ھەممە نەرسىنىڭ چېكى بولغىنىدەك، مېھىرنىڭمۇ چېكى بولۇشى كېرەك. ئەگەر بالىلارغا بولغان مېھىر چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇلارغا ئەكس تەسىر بېرىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، ئۆزىمىزنىڭ نورمال تۇرمۇشىمىزغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا بالىلارغا مېھىر يەتكۈزۈشتە تەربىيەنى ئاساس قىلىشىمىز، ئەقىلنى ھەمراھ قىلىشىمىز لازىم. ئەقىلدىن ئايرىلغان مېھىردىن ياخشى نەتىجە چىقىشى ناتايىن.

    ئافرىقىدىكى مەلۇم نامرات كەنتتە ئاچارچىلىق بوپتۇ. بۇ ئاپەتتىن بالىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى ئويلىغان بىر ئانا ئۈچ نارىسىدىسىنى ئەگەشتۈرۈپ، قېلىن ئورمانزارلىقتىن ئۆتۈپ باشقا كەنتتىكى تۇغقانلىرىنىڭكىگە پاناھلىنىشقا مېڭىپتۇ. ئەپسۇس ئۇلار ئورمانلىقتا ئېزىپ قاپتۇ. نەچچە كۈنلۈك ئازغۇنلۇقتا ئوزۇق – تۈلۈكىمۇ تۈگەپتۇ. ئاچلىق ئۇلارنى تازا قىينىغىلى تۇرغاندا، شېرىن مېۋىلىك بىر تۈپ دەرەخنى ئۇچرىتىپتۇ. ئانا ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ ئۆزى يېمەي بالىلىرىغا يېگۈزۈپتۇ، ئەمما ئۆزى ئاچلىقتىن ئۆلۈپتۇ. تەجرىبىسىز بالىلار ھېلىقى دەرەخنىڭ مېۋىسىگە تايىنىپ يەنە نەچچە كۈن ياشاپتۇ. مېۋە تۈگىگەندىن كېيىن ئىككى بالا ئېچىرقاپ قازا قېلىپ بىرسىلا ھايات قاپتۇ.

    بۇ ھېكايە تارقالغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇ ئانىنىڭ مېھرىبانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر: ‹‹ بۇ ئانا شۇ ۋاقىتتا بالىلىرىغا ئانىلىق مېھرىنى بېرىشنى بىلىپ، ئەقلىنى ئىشلىتىشنى بىلمىگەن. ئەگەر ئۇ مېۋىنى بالىلىرى بىلەن تەڭ يەپ، بالىلىرىنى يېتەكلەپ يەنە مېۋىلىك دەرەخ ئىزدىگەن بولسا، بەلكىم ئۇزاق ئۆتمەي ئىككىنچى، ئۈچىنچى، ھەتتا تۆتىنچى مېۋىلىك دەرەخنى تېپىپ، ئۆزىنىمۇ، بالىلىرىنىمۇ قۇتۇلدۇرالىشى مۇمكىن ئىدى ›› دېيىشىپتۇ.

    بۇنىڭدىن ئانا مېھرىگە ئەقىلنىڭ ھەمراھ بولۇشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى چۈشىنەلەيمىز. شۇڭا بالىلارغا مېھىر يەتكۈزۈشتە ھېسسىياتنى ئەمەس، ئەقىلنى ئاساس قىلىشىمىز لازىم. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر مەملىكىتىمىزدە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشى يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ۋە ئىرسىيەت ئامىلىدىن باشقا، ئاساسلىقى ئىلمىي ئوزۇقلىنىشنىڭ كەملىكىدىن ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا ئوزۇقلۇقنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، ئىلمىيلىككە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئائىت نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئىگىلىشىمىز، ئۇلارنى تۇرمۇشىمىزغا تەتبىقلىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىمىزدىكى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئائىت بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز. بۇ ئارقىلىق بالىلىرىمىزنى نېمىنى يېگۈسى كەلسە شۇنى يېيىشنى ئەمەس، بەلكى نېمە پايدىلىق بولسا شۇنى يېيىشكە ئادەتلەندۈرۈشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، زىيادە سېمىزلىكتىن پەيدا بولىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号