بوۋاقلارنى بەك كىچىك ئولتۇرغۇزسا ياكى ئولتۇرغان ۋاقتى ئۇزۇن بولسا ۋە بوۋاقنىڭ ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولمىسا، بالىلار ئومۇرتقا تۈۋرۈكى قىڭغىر بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم :
1. بوۋاقنى بەك كىچىك ئولتۇرغۇزماسلىق كېرەك. ئادەتتە بوۋاقلار ئالتە ئايلىق بولغاندا ئولتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ . بىراق بەزى ئاتا–ئانىلار بوۋاقنى ئۈچ –تۆت ئايلىق بولغاندا بوۋاقنى يوتقان –كۆرپىلەرگە ئوراپ ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ ، ۋاقىت ئۇزارسا بوۋاقلار ئولتۇرۇپ ئۇخلايدۇ، بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا ، ئومۈرتقا تۈۋرۈكى ئاسانلا قىڭىر بولۇپ قالىدۇ .
2 . بوۋاقلار ۋە مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئولتۇرۇش قىياپىتىنى توغرىلاڭ . ئۈستەلدە خەت يازغان ، كىتاب كۆرگەندە، بەدەن قىياپىتى ۋە ئورۇندۇق بىلەن شىرەنىڭ ئېگىز –پەسلىكى ماسلاشقان بولۇش كېرەك .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号