كۆپلىگەن بوۋاقلارنىڭ مۇھىتقا تەدرىجى كۆنۈشى بىلەن ، ئادەتتە ئالتە ئايدا ھۆل تەمرەتكە ئازلاپ كېتىدۇ ، بىر ياشقا كىرگەندە چىقمايدۇ . يېنىكرەك ھۆل تەمرەتكىدە تېرە تېرە بىر ئاز قىزىرىدۇ ، تېرە چۈشىدۇ ، كىچىك دائىرىدە بىر نەچچە تەمرەتكە پەيدا بولىدۇ . بۇنى ئادەتتە دورا ئىشلەتمەي، كۈتۈشكە دىققەت قىلسا ، ئازراق ئۇپا سۈرتۈپ ياكى بىر ئاز جۇڭيى دورىلىرىنى سۈرتۈپ قويسا بولىدۇ . ئېغىرراقلىرىغا ، يەنى دائىرىسى چوڭ قىزىل تەمرەتكە ، تېرىسى چۈشۈپ قىزارغان ، سۇلۇق تەمرەتكە قاتارلىقلارغا گورمۇنلۇق مەلھەمنى سۈرتسە بولىدۇ . لېكىن ئاتا – ئانىلار گورمۇنلۇق دورىلاردىن ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ . چۈنكى بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغانلىرى ئادەتتە ئوتتۇراھال ئۈنۈم بېرىدىغان ياكى ئۈنۈمى تۆۋەن گورمۇنلۇق دورىلاردۇر . ئۇنى دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇددەتكە بۆلۈپ ، قىسمەن ۋاقىتلاردا ئىشلەتسە بىخەتەر بولىدۇ . بالىلارنىڭ تېرىسى ئەسلىدىنلا سەزگۈر بولغاچقا ، ھۆل تەمرەتكە چىققان بالىلارنى قۇرغاق ، ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق ، ئاپتاپتا باقماسلىق كېرەك . بۇ خىل ئامىللار ھۆل تەمرەتكىنى غىدىقلاپ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ . كۆپلىگەن ئاتا–ئانىلار ھۆل تەمرەتكە چىققان بالىلارنى ئاز يۇيۇش كېرەك دەپ قارايدۇ . بۇ خاتا، بالىلارنى پاكىز يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك . يۇيغاندا خىمىيەلىك تەركىب بار سوپۇنلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ، بەزى بالىلاردىكى ھۆل تەمرەتكە تەكرار چىقىدۇ . دەرىجىسى ئېغىرراق بولىدۇ ھەمدە بىر ياشتىن ئاشقان بالىلاردا يېنىكلەشكە قاراپ يۈزلەنمەيدۇ . بۇ جاھىل خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن . بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا– ئانىلار بالىلارنى بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرسىتىشى كېرەك .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号