ئەنگىلىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: بالىلار يانفون ئىشلەتسە، ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ ۋە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدۇ ، چۈنكى بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز ، شۇنداقلا ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ .
تەتقىقاتچىلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئەڭ چوڭ خەتەر — يانفوننىڭ ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدىكى رادىياتسىيىسى . بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە سۆڭىكى كىچىك . مېڭە قېپى نېپىز ، شۇڭا ھەر قانداق تۆۋەن دەرىجىدىكى رادىياتسىيە چوڭ مېڭىگە ئاسانلا زىيان سالىدۇ . يانفون چىقارغان مىكرو دولقۇننىڭ تەسىرى ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، نېرۋا سىستېمىسىغا ئېغىر زىيان سالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باش ئاغرىقى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش ۋە ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى پەيدا بولىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号