تۆرەلمە يەنى بالىنىڭ پەيدا بولۇشى ئانىلىق تۇخۇمنىڭ ئاتىلىق ئۇرۇق بىلەن بىرىكىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ قىسقىچە جەريانى مۇنداق:
ئانىلىق تۇخۇم:
ئايالنىڭ تۇخۇمىدا ناھايىتى كىچىك بىر خىل يۇمىلاق دانچە بولىدۇ، بۇ ئانىلىق تۇخۇم دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئەتراپىدا ھاياتلىق ماددىسى بولىدۇ. ئانىلى تۇخۇم غىلاۋىنىڭ ئىككى قەۋىت بولىدۇ. ئىچكى قەۋىتى ئازراق قېلىن سۈزۈك بولىدۇ. تاشقى قەۋىتى سۇيۇق بۇ تۇخۇم غىلاۋى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاتىلىق ئۇرۇقمۇ ناھايىتى كىچىك دانىچىدىن ئىبارەت بولۇپ ئۇنىڭ بىر بېشى ۋە بىر ھەرىكەتچان قۇيرۇقى بولدۇ. بېشى ياپىلاق لېكىن نەيزىگە ئوخشاش ئۇشلۇق بولىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئۇشلۇق بېشى ئارقىلىق جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ئانىلىق تۇخۇم غىلاۋىنىڭ ئىنچىكە تۆشۈكچىلىرىدىن بۆسۈپ كىرەلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىغا تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ ۋە بىر نەچچە كۈنگىچە ھايات تۇرالايدۇ. تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقنىڭ بىرىكىشىدىن تۈرلمە شەكىللىنىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئۇچرىشىشى تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقنىڭ بىرىكىشىدىن تۈرەلمە شەكىللىنىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئۇچرىشىشى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ بېشىغا يېقىن ئوۇندا بولىدۇ، بۇ يەردىن 12 كۈن ئىچىدە بالىياتقۇغا يېتىپ بارىدۇ. ئەگەر مەلۇم سەۋەبتىن مۇشۇ نەيچە ئېغىزىدا توختاپ قالسا مۇشۇ ئورۇندا ھامىلىدار بولۇپ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
ئاتىلىق ئۇرق، ئانىلىق تۇخۇم غىلاۋىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرگەندە ئانىلىق تۇخۇم چوڭىيىدۇ. ئاتىلىق ئۇرۇق ئانىلىق تۇخۇم ئىچىگە كىرىپ قالغاندا نېپىز بىر پەردە شەكىللىنىپ ئۇرۇق ئانىلىق تۇخۇم ئىچىگە كىرىپ قالغاندا نېپىز بىر پەردە شەكىللىنىپ ئۇرۇق تخۇم ئىچىگە كىرگەن ئېغىزلارنى ئىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۆرەلمە شەكىلىنىدۇ.
ئەگەر ئانىلىق تۇخۇم بىلەن ئاتىلىق ئۇرۇق ئۇچراشسا بۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. مەسىلەن: تۇخۇم دەسلەپتە ئىككىدىن تۆتكە، تۆتتىن سەككىزگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ساناقسىز زەرىچىلەرگە بۆلىنىدۇ. بۇ زەرىچىلەر تۇخۇمنىڭ مەركىزى ئەتراپىغا تارقاپ تەنچىلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭ سىرتقى تەنچىلەردىن بوۋاقنىڭ تېرىسى، يۇلۇن، بەش سەزگۈر ئەزا يەنى، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، تىل ۋە باشقىلار شەكىللىنىدۇ. ئوتتۇرا تەنچىدىن مۇسكۇل، سۆڭەك، بۆرەك، يۈرەك ۋە نەسىل ئەزالىرى، ئىچكى تەنچىدىن نەپەس ئەزالىرى ئۆپكە ئاشقازان، ئۈچەي ۋە باشقىلار شەكىللىنىدۇ. بوۋاقنىڭ ئۈستىدىن ئىككى پەردە ئوراپ بىر خالتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىگە بىر خىل سۇيۇقلۇق تۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىل پەردە بالا ھەمرىي دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ پەردە قېلىنلاپ بالىياتقۇنىڭ ئىچكى پەردىسىگە چاپلىشىپ قان تومۇرلارنى پەيدا قىلىدۇ. يىتىلگەن بالا ھەمرىيى تۇخۇمسىمان بۇلۇتتەك يۇمشاق، ئۇزۇنلۇقى سەككىز سانتىمېتىر، تەخمىنەن بىر جىڭ ئېغىرلىقتا بولىدۇ. بالا ھەمرىيىدىن ئۈچ قان تومۇر (يەنى بىر دانە كۆك قان تومۇر ئىكى دانە قىزىل قان تومۇر) ئورالغان ئارغامچا شەكلىدە بوۋاقنىڭ كىندىكتىن ئۈتۈپ ئۇنىڭ تېنىگە كىرىدۇ. بۇ كۆك تومۇر ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ھاۋايى دۇخانىيە (كاربون ئوكسىد) ئارىلاشقان قېنى تازىلاش ئۈچۈن ئانىنىڭ قېنىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号