1) ھامىلىدار ئاياللار ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش، ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشى ئۈچۈن روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى خوشال-خورام خاتىرجەم تۇتۇشقا دىققەت قىلىش، غەزەپلىنىش، غەم ئەندىشە قورقۇنچلاردىن ساقلىنىش لازىم.
2) شەخسىي تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى ئۆزىنى پاكىز تۇتۇپئىچكى كيىملەرنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، كىيىم-كىچەكلەرنى كەڭ كيىش لازىم. يۇقۇملنىشتىن ساقلنىش ئۈچۈن باشقىلار بىلن ئىچ كىيىم ئالماتۇرۇپ كەيمەسلىك، پات-پات ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇپ سۇنى باشتىن قۇيۇپ يۇيۇش كېرەك جىنسىي يول ۋە ئەتراپىنى پاكىز تۇتۇش، ئەمما جاراسىملار ئىچكىرى كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىچك جىنسىي ئەزانى يۇماسلىق كېرەك.
3) ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش، تېز يۈگۈرۈش،قاتتىق ۋارقىراش ۋە تۆۋەنى قورساق ساھەسىگە بېسم چۈشىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش لازىم.
4) ھامىلىدارلىق مەزگلىدە قان ئالدۇرماسلىق،سۈرگە ئىچمەسلىك يەى ھامىلىدارلىنىڭ تۆتنچى ئيىدىن ئىلگىرى يەتتىنچى ئېيىدىن كېيىن سۈرگە دورا ئىچمەسلىك كېرەك. سۈرگە ئىىش بەك زۆرۈر بولسا يۇمشاتقۇچى دورىلارنى ئشلىتىش ياكى كۆكتات شورپلىرىنى ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
5)ھامىلىدارلار داۋاملىق يتىۋالماسلىق، يېنىك ھەرىكەتلەر يەنى يەڭگىل بولان جىسمانىي ئەمگەك ۋە ئادەتتىكى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىىش كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ كېىنكى ئايلىرىدا مېڭىپ بېرىش، ۋېلىسپېت مىنمەسلىك ۋە ۋېلىسپىتقا مىنگەشمەسلىك كېرەك.
6) يېتەرلىك ئۇخلاش ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر، لېكىن ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزن بولۇپ كەتسە، كۈندۈزلرى ئۇخلىسا بەدەن بۇشاپ بەدەن ھارارىتى تۆۋەنلەپ ھەزىم قىلىش سۇسلىشىدۇ.
7) ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ۋە ئاخىرقى ئۈچ ئېيى ئىچىدە جىنسىي ئالاقىنى چەكلەش زۆرۈر. ھامىلىدارلىنىڭ دەسلەپك ئايلىرىدا جىنسىي ئالاقە ھامىلە چۈشۈپ كېتىشكە سەۋەبچى بولدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرى ئايلىرىدا بولسا جنسىي ئالاقە بىلەن ھەرخىل كېسەللىك
جاراسىملىرى جىنسىي يولغا كىرىپ كېتىپ ئېغىر كېسەللەرنى سادىر قىلىش ئېھتىماللىقى بار.
8) ھاملىدار ئايالنىڭ تامىقى سىڭىشلىك، ئوزۇقلۇقلار مول، لاتىف غىزالار بولۇشى، تاماقنى زىياد كۆپ يېمەسلىك، كۈندە ئۈچ قېتىمدىن تۆت قېتىمغىچە بولۇشى، ۋىتامىن، تۆمۈر ماددىلىرى كۆپ بولغان مېۋە-چىۋىلەر ۋە سەي كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى لازىم.
9) ئەگەر بەدەندە ئىششىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە يېمەك-ئىچمەكنى دەرھال مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، سۇيۇق-سەلەڭ تاماق، تۇز ۋە گۆشلەرنى ئاز بېرىش، كۈنىگە ئىچىدىغان سۇ ۋە تاماقتا ئىستىمال قىلىدىغان سۇيۇقلۇق مىقدارىغا ئېتىبار بېرىش لازىم. ئادەتتە ھامىلىدارلىقتا ئۇسساش كۆپرەك بولىدۇ.ئەگەر ئچىلگەن سۇيۇقلۇق بىەن بىر كېچە-كۈندۈز ئاجرىتىلغان سۈيدۈك مىقدارىدا روشەن تەڭسىزلىك بولمسا سۇيۇقلۇقنى قاتتىق چەكلەش زۆرۈر ئەمەس. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ يۈرەك ۋە بۆرەكتە كېسەللىك سادىر بولغان بولسا سۇ ئالمىشىشتا توسالغۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولىدۇ. بار ئالدىنقى ھامىلە چۈشۈپ كەتكەن ئاياللارغا داۋائى مىشكى شېرىن ياكى داۋائى مىشكى مۆتىدىل قاتارلى يۈرەك ۋە نېرۋىغا قۇۋۋەت بەرگۈچى دورىلارنى بېرىپ تۇرۇش پايدىلىق.
10 ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىلاجى بار چوڭ تەرەتنى يۇمشۇتۇپ تۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ ھامىلىدارلقنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا يۇقىرىقىدىكى دىققەت قىلىش تېخىمۇ زۆرۈر.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号