بالا ھەمرىيىنىڭ ئاجرىلىشى بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنلا باشلىنىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر سائەت ئىچىدە تاماملىنىپ چۈشۈپ بولىدۇ. ئادەتتە بالا ھەمرىيىنىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشىدا تۇغۇتلۇق ئايال ھېچ قانداق ئاغرىش سەزمەيدۇ. قان ئېقىش بولمايدۇ، تومۇرى بىردەك ئاستا سوقىدۇ. بەزى ۋاقىتتا ياخشى كۈچىنىش بىلەن بالا ھەمرىيى بالىياتقۇدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. ئومۇمەن بالا ھەمرىيى چۈشكەن چاغدا ئۇنى ياخشى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىرەر پارچىلىرى بالىياتقۇدا قېلىپ قالمىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولۇش لازىم.
ئەگەر بىرەر پارچىسى بالىياتقۇ ئىچىدە قالغان بولسا قول ياردىمى بىلەن تازىلاپ ئېلىپ تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بالا ھەمرىيى پۈتۈنلەي چۈشمىسە يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئۆلۈك بالىنى چۈشۈرۈش دورىلىرىدىن تاللاپ ئىشلىتىش ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇغۇت قوبۇل قىلغۇچى خادىم ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتمەي بالا ھەمرىيىنى ئۆز ۋاقتىدا چۈشۈرىۋېلىشقا تىرىشىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号