بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۇشتۇمتۇت قان كېتىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي يولدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىل شۇنىڭدەك كېلىدىغان خۇن مىقدارى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىمۇ بىردەك ئەمەس.
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا ئەسەبى روھىي ئامىللارمۇ قان مېڭىپ كېتىشكە سەۋەبچى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش، ئۇرۇلۇش، تۇساتتىن ئاڭلانغان قايغۇلۇق خەۋەر، مۇسىبەت، قاتتىق غەم ئەندىشە، شىددەتلىك قورقۇنچ ۋە باشقا روھىي زەربىلەر نېرۋا سىستىمىسىغا تەسىر قىلىپ قان كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كۆپىنچە سەپرا مىزاج، تىرىككەك، ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتىدىغان ئاياللاردا، نېرۋىسى ئاجىز كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: ئەسەبىي، روھىي تەسىرلەر تۈپەيلىدىن ھامىلدارنىڭ ئارقا مېڭىسىدە قاتتىق ئاغرىق پەيدا بولۇپ، بەل ۋە دوۋسۇن ساھەسىدە قاتتىق چىڭقىلىپ ئاغرىش بولىدۇ، ھەتتا ۋاقتى ئۇزۇراپ قالسا قان لەختە-لەختە كېلىشى مۇمكىن.
داۋالاش پرىنسىپى: بىمارنى دەرھال ئورنىدا جىم ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، تىنچلاندۇرغۇچى، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى بۇشاتقۇچى دورىلارنى بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بىمارنىڭ روھىي كەيپىياتى، تومۇرى، بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىش، ئوڭاي سىڭىدىغان، ۋىتامىن ۋە ئوزۇقلۇقى مول يېمەكلىلەر بېرىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号