قىش پەسلىدە نۇرغۇن ئاتا – ئانا بوۋىقىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئۆيدە ياكى سىرتتا بولسۇن بالىنى ھىم زاكىلايدۇ .
بوۋاقلارنى بەك ھىم زاكىلىغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ كېتىپ ‹‹قىزىش يىغىندى كېسەللىكى›› پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹قىزىش يىغىندى كېسەللىكى››نىڭ ئالامىتى زۇكامغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ ، قىزىش ، قۇسۇش ، ھەتتا تارتىشىپ قېلىش ، ھۇشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . چۈنكى بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىنىڭ ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا ، بەش ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ سىرتقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىغا ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر تۆۋەن . ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىشى يۇقىرى ، تەرلەپ ئىسسىقلىق تارقىتىشى ئاستا بولۇپ ، ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇش بىلەن تارقىلىشنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە ئاسانلا يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەيدا قىلىدۇ . ئەگەر بوۋاقلار قىزىسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا قىش پەسلىدە بوۋاقلار ئۈچۈن ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 22 سىلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا كونتورل قىلىش ، بوۋاقلارغا كۆپ كىيىم كىيدۈرمەسلىك كېرەك . بوۋاقلارنىڭ باش قىسمىدا قان تومۇرلار كۆپ بولغاچقا بوۋاقلارنىڭ بېشىنى ئىسسىق ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم ، ھاۋا ياخشى كۈنلەردە بوۋاقنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ شامالدىتىپ تۇرۇش كېرەك .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号