بۇ ھەرخىل سەۋەبلەردىن ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: قورساقتىكى بالىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشى تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولىدۇ.
1. تاشقى سەۋەبلەر: ئاسان ھامىلىدار بولۇپ دەسلەپكى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئايلىرىدا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ تەدرىجىي ھامىلىدارلىقتا جىقراق يۈز بېرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: تۇنجى ھامىلىدارلىقتا دىققەتسىزلىكتىن ئېغىر نەرسىلەرنى قۇرساققا تىرەپ كۆتۈرۈش، يېقىلىش، قاتتىق تاياق تىگىش قاتارلىقلار.
2. ئىچكى سەۋەبلەر: يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ھامىلە بالىياتقۇ تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قېلىشىنى پەيدا قىلىغاندىن تاشقىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىكى يۇقىرى قىزىتمىنىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن بالا ھەمرىيىدىن ھامىلىگە يەتكۈزىدىغان ئوكسىگېن ئوزۇقلۇقلارنىڭ توسۇلۇشى نەتىجىسىدە ھامىلىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ھامىلىگە بولغان يامان تەسىرىدىن ھامىلە ئۆلۈپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغى، سىفلىس كېسىلى، ئۆتكۈر قىزىتمىلىق ئۆپكە ياللۇغى ۋە باشقا بىر قاتار شىددەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردە ھامىلە قورساقتا ئۆلۈپ قالىدۇ.
ئالامىتى: ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەنلىرى بوشۇشۇپ پۇت-قوللىرى سوۋۇيدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، نەپەسلىنىشى تېزلىشىدۇ، كۆڭلى ئاينىيدۇ، قۇرۇق ھۆ تۇتىدۇ. جىنسىي يولدىن ئاز-ئازدىن قان كېلىشكە باشلايدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ئەگەر سىفلىس قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بارلىقى ھامىلىدارلىقتىكى تەكشۈرۈشلەردە ئېنىقلانغان بولسا ئۇنداق كېسەللىكلەرنى قائىدە بويىچە ئىزچىل داۋالىتىش كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆپكە ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللىكلەر بىلەن، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر خۇسۇسەن يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى بىلەن ئاغرىغاندا جىددىي داۋالاپ، ئانا ۋە بالىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى بىلەن ئاغرىش ھامىلە ئۈچۈن ۋە ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن ئالاھىدە خەتەرلىك بولغاچقا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن زۆرەر، شۇڭا ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号