بۇ-ئاياللاردا سۈت ئازىيىپ كېتىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بوۋاق ياخشى ئوزۇقلىنالمايدۇ.
سەۋەبى: بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللاردا سۈتنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ئاساسەن قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ. قاننىڭ ئازىيىپ كېتىش تۆۋەندىكىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
1. ھەددىدىن ئارتۇق قان ئېلىش ياكى ھەيز قان كۆپ مېڭىپ كېتىش.
2. ئوزۇقلىنىش ناچار بولۇش، ئىشتىھانىڭ كەملىكى، تاماقنىڭ مىقدارى ئاز ۋە سۈپەت جەھەتتىن ناچار بولۇش، ئاشقازان ۋە جىگەر قاتارلىق ھەزىم ئەزالىرىدىكى قۇۋۋەتنىڭ سۇس بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار بىلەن قاننىڭ يېتەرلىك مىقداردا ھاسىل بولماسلىقى.
3. روھىي ھالەت ۋە ئەسەبىي تەسىراتلارنىڭ تەسىرى مەسىلەن: غەم، قورقۇنچ ۋە روھىي زەربە.
4. ئومۇمىي بەدەن مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىقلار سۈتنىڭ يېتەرلىك مىقداردا پەيدا بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
خىلىتلار سەۋەبىدىن بولغان سۈت ئازلىق ئاساسەن قاننىڭ بۇزۇلۇشى، سەپرا، سەۋدا ياكى بەلغەمنىڭ كۆپلىكىدىن پەيدا بولىدۇ. بەزىدە خىلىتلار ئارىلاشمىغان ھالدا مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشى بىلەنمۇ پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: ئومۇمىي بەدەندە قان ئازلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە سۈت كېمىيىپ كېتىدۇ. روھىي جەھەتتە غەمكىنلىك، بالىسىغا مېھىر بولماسلىق ئەھۋاللىرى پەيدا بولىدۇ.
سۈت سۇيۇق، رەڭگى سېرىققا مايىل، سۈت يوللىرىدا ئېچىشىش قاتارلىق بەلگىلەر كۆرۈلسە سەپرانىڭ (قۇرۇق ئىسسىقنىڭ) غالىپلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سۈتنىڭ رەڭگى ئاق، سۇدەك سۇيۇق، چۈچىمەل تەملىك بولۇپ، غەيرىي پۇراق بولسا بۇ بەلغەمدىن پەيدا بولغان سۈت ئازلىقتۇر.
داۋالاش پرىنسىپى: ئەگەر بەدەندىكى قان ئازلىق مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن كۆپ قان يوقاتقانلىقتىن بولسا قان كۆپەيتكۈچىلەرنى ئىستېمال قىلدۇرۇش ۋە بىمارنى ئارام ئالدۇرۇش، مەلۇم قاناش سەۋەبىدىن بولغان بولسا قان توختاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش، سەپرا ۋە بەلغەم شۇنداقلا مەلۇم خىلتلارنى سەۋەبىدىن بولغان بولسا شۇ سەۋەبكە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
يەككە دورا بىلەن داۋالاش:
1-رېتسىپ: قارا كۈنجۈتتىن 18 گرام ئېلىپ، كۆيگىچە قورۇپ، ئاندىن يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا توققۇز گرامنى رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بېرىلسە، سۈت كۆپەيتىدۇ.
2-رېتسىپ: كىرپە تېرىسىدىن ئالتە گرام ئېلىپ، قاقلاپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقانلاپ، رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بېرىلسە، سۈت كۆپەيتىدۇ.
3-رېتسىپ: نارجىلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، كۈندە بىر-ئىككى قېتىمدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، سۈت كەملىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4-رېتسىپ: بىدە ئورۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،قاينىتىپ، كۈندە بىر ئىككى قېتىمدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، سۈت كەملىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
5-رېتسىپ: لوبىيا ۋە ئەرقى بەدىياندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە بىر -ئىككى قېتىمدىن ئىچىپ بېرىلسە سۈت كەملىككە شىپا قىلىدۇ.
6-رېتسىپ: ياڭاق مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كۈندە بىر-ئىككى قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، سۈت كۆپەيتىدۇ.
7-رېتسىپ: زىرە، بەدىيان ۋە چىلغوزا مېغىزىدىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، سۈت-شېكەر قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلسە سۈت كەملىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سۈت، دۇفۇ، گۈرۈچ، تۇخۇم، پاقلان گۆشى، چۈجە گۆشى، شېكەر ياكى ھەسەل قوشۇلغان بېلىق، نىشاستە، بادام، خام ھالۋىسى، چامغۇر ھالۋىسى ۋە تۇخۇم، كۈدە، قوغۇن، تەرخەمەك قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ.
لازا، كالا گۆشى قاتارلىق يېمەكلىكتىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号