تەييارلاش ئۇسۇلى: قوي يېغىنى قىزىتىپ جىگىردىكىدىن ئايرىپ سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: قىزىتىش، پارقىرىتىش، ئاغرىق توختىتىش، يۇمشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: مۇۋاپىق مىقداردىكى قوي يېغىغا كېپەك سېلىپ قىزىتىپ، كۆيدۈرۈپ ئىس چىققاندا چىققان ئىس بىلەن ئاغرىغان چىش تەرەپ يۈز قىسمىنى بۇسلاندۇرسا چىش ئاغرىقى توختايدۇ. قوينىڭ قويرۇق يېغىنى قىزىتىپ ئۈششىگەن جايغا قىزىق ھالدا سۈركىسە پايدا قىلىدۇ. قوي يېغىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا بەدەننى قىزىتىپ، سوغۇقلۇقنى يوقىتىپ قۇۋۋەتلەيدۇ. قوي يېغى يېسە بالادۇرنىڭ زەھىرىنى يوقىتىدۇ. قوي يېغىغا سۆرۈنجاننى ئارىلاشتۇرۇپ بوۋاسىرغا سۈركىسە پايدا قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تاماق قىلىپ ئىستېمال قىلىش ۋە يەرلىك ئورۇننى ياغلاش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号