تەييارلاش ئۇسۇلى: چايان 100 دانە، بادام مېيى، كۈنجۈت مېيى ياكى زەيتۇن مېيى 3000 مىللىلىتىر، چاياننى كۆرسەتمە بويىچە يىغىپ بوتۇلكىغا سېلىپ ئۈستىگە يۇقىرىدىكى ماينى قۇيۇپ 40 كۈن تومۇزنىڭ ئاپتىپىدا تۇرغۇزۇپ ئاندىن چاياننى سۈزۈپ سىقىپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق
خۇسۇسىيىتى: ئاغرىق پەسەيتىش، پەيلەرنى چىڭىتىش، سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى پارچىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: ئىسسىقتىن بولغان پالەچ، لەقۋا، مۇپاسىل ۋە گاسلىققا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى كېسەللەر ئۈچۈن سۈركەش ھەم تېمىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بەرەس، بوۋاسىرنىڭ دانىلىرى ئۈچۈن سىرتتىن ياغلاپ بەرسە پايدا قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号