تەييارلاش ئۇسۇلى: سېرىق چۈمۈلە 1000 دانە، كۇچۇلا مېيى 90 گرام، چۈمۈلىنى بوتۇلكىغا سېلىپ ئۈستىگە كۇچۇلا مېيىنى قۇيۇپ، تومۇزنىڭ ئاپتىپىدا 21 كۈن تۇرغۇزۇپ ئاندىن چۈمۈلىلەرنى سۈزىۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: ھەرخىل زەھەرلىك ھايۋانلاردىن چايان، كۆكپىت، يىلان، ھەرىلەرنىڭ چېقىپ زەھەرلىشىدىن ساقلاش. جىنسىي ئاجىزلىق، گاسلىققا پايدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: چايان، يىلان، ھەرە، كۆكپىت چاققانغا، جىنسىي ئاجىزلىقلارغا، چاچ چىقىرىشقا، بەرەس قاتارلىقلاردا يەرلىك ئورۇنغا سۈركىلىدۇ. قۇلاق ئاغرىقى ۋە گاسلار ئۈچۈن قۇلاققا تېمىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号