تەييارلاش ئۇسۇلى: ھۆل قاپاقنىڭ پوستىنى ئېلىپ ئېتى ۋە ئۇرۇقلىرى بىلەن سوقۇپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ 4 ھەسسە سۈيىگە بىر ھەسسە كۈنجۈت يېغى قوشۇپ قاينىتىپ سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا سۈزۈپ ئېلىپ قاچىغا ئېلىپ ساقلىنىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى: مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، قاتتىقلارنى يۇمشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەل پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: ئۇيقۇسىزلىق، مالخۇلىيا، تەشەننۇج، قۇلاق ئاغرىقى، چاچنىڭ يېرىلىپ كېتىشى، مېڭە پەردە ياللۇغى، چاچ چۈشۈش ۋە كېپەكلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مېڭىلىككە سۈركىسە قۇرۇقلۇقتى بولغان مالىخۇلىيا، ئۇيقۇسىزلىق، مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا سۈركىسە قۇرۇقتىن بولغان تەشەننۇجكە پايدا قىلىدۇ. قۇلاققا تېمىتسا قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. باشقا سۈركىسە ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. چاچنى مايلىسا چاچنىڭ يېرىلىپ كېتىشى، چاچ چۈشۈش، كېپەكلىشىشكە پايدا قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号