بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ
مەنبە: نۇر تورى
يوللانغان ۋاقتى: 19:52 07-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 18889

ھەممە ئادەم چىرايغا قاراپ باھا بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ سۆز بۆدۈنە تۇخۇمىغىمۇ باب كېلىدۇ. ئۇنى ھەرگىز كىچىك چاغلاپ، ھەممە يېرىدە داغ بار دەپ سەل قاراپ قالماڭ. بىراق ئۇ تۇخۇملار ئارىسىدا گۆھەر ھېسابلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق قىممىتى تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ ئادەتتىكى تۇخۇمدىن قېلىشمايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق مۇلېكۇلالىرى بىر قەدەر كىچىك بولغانلىقتىن، بەدەنگە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ، شۇڭا ئۇ تەستە تېپىلىدىغان قۇۋەت تولۇقلاش يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.
قەدىمكى دەۋردە بۆدۈنە تۇخۇمى يېمەكلىكلەر ئارىسىدىكى گۆھەر ھېسابلىنىپ، پەقەت پادىشاھ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارلا ئۇنىڭغا ئېغىز تېگەلەيتتى، ھالبۇكى پۇقرالارنىڭ بۆدۈنە تۇخۇمى يېيىشى تولىمۇ تەس ئىش ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى، ھەممە كىشى بۆدۈنە تۇخۇمى يېيەلەيدىغان بولدى، شۇنداق بولغانىكەن، بۇ پۇرسەتنى نېمىشقا ئۆتكۈزۈۋەتكۈدەكمىز؟
1. ئاياللار بۆدۈنە تۇخۇمى يېسە، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ
بۆدۈنە تۇخۇمى قان تولۇقلايدۇ، ئاياللار كۆپرەك يېسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاياللاردا فىزىئولوگىيەلىك سەۋەب تۈپەيلى ئاسانلا قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ. تېرىنىڭ سىلىق ھەم پارقىراق بولۇشى قان ئارقىلىق تەمىنلىنىشكە موھتاج. قان يېتىشمىسە، چىراي سارغىتىپ، خۇنۇكلىشىدۇ، تېرە ۋە چاچ قۇرغاقلىشىپ، يېرىلىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ھەر كۈنى بىر نەچچە تال بۆدۈنە تۇخۇمى يېسە، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، تېرىنى پارقىرىتىدۇ.
2. ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەر بۆدۈنە تۇخۇمى يېسە مېڭىنى قۇۋەتلەيدۇ
كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار ئىمتىھان ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، بالىغا بۆدۈنە تۇخۇمى يېگۈزسە مېڭە قۇۋەتلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشنىڭ بەلگىلىك ئاساسىي بار.
بۆدۈنە تۇخۇمى بەش ئەزانى قۇۋەتلەپم قان تولۇقلايدۇ. بەش ئەزادىكى قان جەۋھىرىنىڭ ھەممىسى باش قىسمىغا يەتكۈزۈلۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئايلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ. قان يېتەرلىك يەتكۈزۈلسە، نېرۋىلار سەگەك ھالەتنى ساقلايدۇ. شۇڭا، بۆدۈنە تۇخۇمىنى يەپ بېرىش مېڭىنى قۇۋەتلەپ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ياكى ئىشخانىدىكى ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا نىسبەتەن، بەزى كېلىشى نامەلۇم مېڭە تولۇقلاش دورىلىرىنى يېيىشكە قارىغاندا، بۆدۈنە تۇخۇمى يەپ بېرىش بىر خىل تەبىئىي «مېڭە قۇۋەتلەش تۇخۇمى» ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش رولىمۇ بار.
ئەگەر بېسىم ئارتىپ، نېرۋا ئاجىزلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلسە، بۆدۈنە تۇخۇمى يېيىش كېرەك. ئەتىگەن كەچتە ئىككى تالدىن يەپ، بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا، ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
3. يۆتەلنى داۋالاشتىمۇ ئۈنۈملۈك رولى بار
بۆدۈنە تۇخۇمى ئۆپكىگە كىرىپ، ھەرخىل ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ. مەسىلەن، بۆدۈنە تۇخۇمىنى قايناقسۇغا يېرىلغۇچە قاينىتىپ، ئاندىن ناۋات قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ۋە ئۆپكە ئاجىزلىقىدىن پەيدا بولىدىغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
دىققەت، بۆدۈنە تۇخۇمى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، بىراق كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ
بۆدۈنە تۇخۇمىنى سۇدا پىشۇرۇپ، ئۇششاق يېمەكلىك ئورنىدا يېسە بولىدۇ، يەنە شورپا قىلغاندا، سەي قورىغاندا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى سۇدا پىشۇرۇپ يېگەندە، ئەڭ چوڭ چەكلىمىدە ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
بۆدۈنە تۇخۇمى كىچىك بولغاچقا، بەزىلەر بىر يەۋالسا توختىمايلا يەيدۇ، بىراق بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس.
ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تولۇق، بىر كۈندە 3~5 كىچە يېسە بولىدۇ، كۆپ يەۋالسا ئاسانلا ھەزىم قىلىش مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، مېڭە، يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىك بىمارلىرىمۇ بۆدۈنە تۇخۇمىنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.
بۆدۈنە تۇخۇمى قان قۇۋەتلەپ، جىگەر ۋە ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ.
تۇخۇم ئۇيۇتمىسى ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق بولۇپ، بۆدۈنە تۇخۇمى بىلەنمۇ تۇخۇم ئۇيۇتمىسى ياسىغىلى بولىدۇ. ئازراق ماتېرىياللارنى قوشقاندا، يەنە ئۆزگىچە قۇۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بۆدۈنە تۇخۇمى ئۇيۇتمىسى.
بۆدۈنە تۇخۇمىدىن 5 تال، ھەسەلدىن 10 گىرام، قارا كۈنجۈتتىن 15 گىرام تەييارلايمىز.
بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ ھەممىسىنى چىنىگە چېقىپ، ئاندىن قارا كۈنجۈت بىلەن ھەسەلنى تۆكۈپ، مۇۋاپىق سۇ قوشۇپ، چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، قازانغا سېلىپ، سۇ ھورلىرىدىن ئايرىپ پىشۇرساقلا بولىدۇ.
كۈنجۈت جىگەر، بۆرەك، ئۆپكە، تال تومۇرلىرىغا كىرىپ، قان تولۇقلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، جىگەرنى قۇۋەتلەپ، چاچنى ياخشىلايدۇ. يەلنى ھەيدەپ، ئۈچەينى نەمدەپ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
ھەسەل تال، ئاشقازاننى تەڭشەپ، قۇۋەتلەپ، ئۆپكىنى نەمدەپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ. ئۈچەينى نەمدەپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ئۇلار بىلەن بۆدۈنە تۇخۇمىنى بىرگە ھورداپ، تۇخۇم ئۇيۇتمىسى ياسىغاندا، قانى قۇۋەتلەش، جىگەر ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قوشۇق يېگەندە، چوڭ كېسەللىكى ئەسلىگە قايتىش مەزگىلىدە تۇرغان ئاغرىقلار ئۈچۈن ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ، شۇنىڭدەك جىگەر، ئاشقازان ئاجىزلىقىدىن پەيدا بولغان باش قېيىش، ئۇنتۇغاقلىق، قۇلاق پاڭلىشىش، بەدەن ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.