• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • 1. بەدەندە تاش پەيدا قىلىدىغان بىرقانچە خىل يېمەكلىك
  • 2. ئادەم بەدىنىدىن نېمە ئۈچۈن ھەرخىل پۇراق چىقىدۇ ؟
  • 3. قىزىلئۆڭگەچ راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار
  • 4. تاماكا چىكىش تۆۋەندىكىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
  • 5. بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ
  • 6. يالغان قورساقنى يوقىتىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر
  • 7. ھەركۈنى تۇخۇم يىسە قان قەنتى تۆۋەنلەيدىكەن
  • 8. ۋىتامىن D غا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئۇچۇرلارنى بىلەمسىز؟
  • 9. ئايال كىشىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ باھالاش
  • 10. خانىم-قىزلار قانداق ئەرلەرنى ياقتۇرىدۇ ؟
  • 11. شىنجاڭ ساغلاملىق تورى 新疆健康网站
  • 12. بانكا كارتا نومۇرلىرىمىز 银行卡号
  • 13. مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى 收货地点
  • 14. شىركىتىمىز ھەققىدە 关于我们
  • 15. ئۆسمە كېسەل ئاغرىقلىرى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر
  • 16. ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ئۇسۇللىرى
  • 17. ئورۇقلىتىش يېمەكلىكلىرى
  • 18. ئاچ قورساق ۋاقىتتا قەتئىي تاتلىق يېمەكلىك يېمەڭ
  • 19. تۇرمۇشتىكى ئەپچىل رىتسىپلار
  • 20. ئاشقازان ئاغرىسا بەرەڭگە ئۇمىچى ئىچىپ بېرىڭ
  • 21. ئائىللەردە ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ساقلاش ئۇسۇللىرى
  • 22. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە يېمەكلىك
  • 23. قورۇق يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر
  • 24. كولانى كۆپ ئىچسە سالامەتلىككە ئېغىر زىيانلىق
  • تاماكا چىكىش تۆۋەندىكىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
    مەنبە: نۇر تورى يوللانغان ۋاقتى: 19:55 07-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 19114
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى
    تاماكا چېكىش سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپ، ئىزچىل تۈردە كىشىلەرنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانماقتا. كۆپلىگەن تەتقىقات، خەۋەرلەردە تاماكا چېكىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە خەۋىپ پەيدا قىلىدىغانلىقى ئېيتىلسىمۇ، بىراق يەنىلا تاماكا خۇمارلىرىنىڭ ئىشتىياقىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.
    مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەردىن كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ سانى 933 مىليوندىن ئاشقان. لېكىن بۇلتۇر، يەنى 2017-يىلى خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ سانى بىر مىلياردتىن ئاشقان. بەزىلەر ئون يىل ياكى ئون نەچچە يىل تاماكا چېكىپمۇ ئۆزىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق دېگەن قاراش پۇت دەسسەپ تۇرالمامدۇ؟  ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، تاماكا چېكىش سالامەتلىككە ھەر جەھەتتىن زىيانلىق بولۇپ، نەپەسلىنىشتىن تاكى قان تومۇر كېسەللىكلىرىگىچە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
    1. تاماكا چېكىش ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكى
    1) بىرلەمچى كاناي ئۆپكە راكى: بۇ دەل دائىم دەيدىغان ئۆپكە راكى بولۇپ، تاماكا چېكىش مەزكۇر كېسەلنى قوزغايدىغان ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. ئون ئۈلۈش ئۆپكە راكى بىمارى ئىچىدە 8-9 ئۈلۈشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماكا چېكىش ۋە ئىككىلەمچى تاماك چېكىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان. تاماكا ئىسىدا كۆپ خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بولۇپ، تاماكا a دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا قاتارىغا كىرگەن.
    2) سوزۇلما توسۇلۇشچان ئۆپكە راكى: ئەسلىدىنلا سوزۇلما توسۇلۇشچان ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئەگەر تاماكا چەكسە ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئېنىقلا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە تاماكا چېكىش نۆۋەتتە سوزۇلما توسۇلۇشچان ئۆپكە راكىنىڭ بىلىنگەن خەتەرلىك ئامىللىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ھېسابلىنىدۇ. 
    3) پەۋقۇلئاددە كۆرۈلىدىغان ئۆپكە تالالىشىش: كۆپ ساندىكى كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلار تاماكا چېكىشنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆرۈلىدىغان ئۆپكە تالالىشىش خەۋىپىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. تاماكا چېكىش مىقدارى بىلەن پەۋقۇلئاددە كۆرۈلىدىغان ئۆپكە تالالىشىشنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.
    2. تاماكا چېكىش بىلەن يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى
    1) تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، مېڭە سەكتىسى: ئەگەر ھەر كۈنى 10 تال تاماكا چەكسە، ئەرلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈش نىسبىتى %18، ئاياللارنىڭ %31 ئۆرلەيدىكەن. چۈنكى تاماكا چېكىش قان تومۇر ئېندوتېلىيە ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان-تومۇرلار بوشلۇقىنى تارايتىدۇ.
    2) يۇقىرى قان بېسىم: بۇ تاماكا چېكىش سەۋەبلىك سىمپاتىك نېرۋا ئاخىرقى ئۇچىنىڭ نورئادرېنالىن قويۇپ بېرىپ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىشىنى كۆرسىتىدۇ.
    3. تاماكا چېكىش بىلەن ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكى
    1) قىزىلئۆڭگەچ راكى: تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ قىزىلئۆڭگەچ تەڭگىسىمان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئۈچتىن سەككىز ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
    2) ھەزىم خاراكتېرلىك يارا كېسەللىكى: تاماكا چېكىش يارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە يارىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا يارىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىمۇ پەيدا قىلىدۇ.
    3) ئاشقازان راكى: تاماكا چېكىشكە زىيادە ھاراق ئىچىش قوشۇلسا ئاشقازان راكىنىڭ خەۋىپىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.
    4. تاماكا چېكىش بىلەن ئىچكى ئاجرالما سىستېمىسى كېسەللىكلىرى
    دىيابېت كېسىلى: تاماكا چېكىش 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە دىيابېت كېسەللىك بىمارلىرىدا چوڭ قان تومۇر ۋە مىكرو قان تومۇرلار ئەگەشمە كېسەللىكىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئاقىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    5. تاماكا چېكىش بىلەن كۆپىيىش ۋە يېتىلىشنىڭ نورمالسىزلىقى
    تەتقىقاتلاردا ئاياللار ئەگەر ئۇزاق مەزگىل تاماكا چەكسە ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ھامىلدارلار تاماكا چەكسە ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ،  ئېكتوپىك ھامىلدارلىق، تەبىئىي بويىدىن ئاجراش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك بولۇش ۋە بوۋاقلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن كۆتۈرۈلۈش كۈچىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
    6. تاماكا چېكىش بىلەن باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرى
    تاماكا چېكىش چىش ئەتراپى ياللۇغى، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكى، ئوپېراتسىيە ئېغىزىنىڭ ئەت ئالماسلىقى ۋە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن نەپەسلىنىش سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكى، تېرىنىڭ قېرىلىشىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تاماكا چېكىش يەنە دېۋەڭلىكنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. 
    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆپ ئىقتىدارلىق بىمارلار كارۋىتى
    كۆپ ئىقتىدارلىق بىمارلار كارۋىتى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى 3367
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى 3367
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号