قىزىلئۆڭگەچ راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار
مەنبە: نۇر تورى
يوللانغان ۋاقتى: 19:58 07-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 17858

قىزىلئۆڭگەچ راكى ئاساسلىقى قىزىلئۆڭگەچ قىسىمىدا پەيدا بولىدىغان يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە بولۇپ، ئۇنىڭ قوزغىلىشى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئوزۇقلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى كۆپلىگەن كىشىلەر قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولىدۇ، ئادەتتە ئەرلەرنىڭ گىرىپتار بولۇشى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنداقتا قىزىلئۆڭگەچ راكىنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللار قايسى؟ قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
قىزىلئۆڭگەچ راكىنى قوزغىغۇچى ئامىللار؟
1.قىزىلئۆڭگەچ زەخمىلەنگەن ياكى ئاغرىغان ھەمدە يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرى كۆرسىتىشى
ئادەتتە قىزىلئۆڭگەچ زەخمىلىنىپ ۋە ئاغرىغان بولسا ئۈستۈنكى تېرە ئۆسۈش پەيدا بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئاسانلا راكقا ئايلىنىپ، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا ئۆزگىرىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، دائىم قىزىق نەرسىلەرنى يېسە ياكى زىيادە كۆپ ھاراق ئىچسە ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچ راكىنى پەيدا قىلىدىكەن.
2. مىكرو ئىلمېنىتلارنىڭ كەمچىللىكى
بەدەن ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان نەرسىلەر بىلەنلا ساغلاملىقنى ساقلاپ قالماي، يەنە كۆپلىگەن مىكرو ئوزۇقلۇق ئىلمېنىتلىرىغىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئادەتتە مىكرو ئىلمېنىتلارنىڭ كەملىكى قىزىلئۆڭگەچ راكىنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى بۇ مىكرو ئىلمېنىتلار كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بولۇپمۇ ئادەمگىياھ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى كونتىرول قىلىدۇ.
3. ئېرسىيەت ئامىلى
كېسەللىكنىڭ ئېرسىيەتلىك خۇسۇسىيىتى ئىزچىل تۈردە بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، قىزىلئۆڭگەچ راكىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. تەكشۈرۈشلەردىن كۆرسىتىلىشىچە، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇشى ئېرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاتا-بالىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئېرسىيەتمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن.
4. نىتروزامىن تۈرىدىكى خىمىيەلىك بىرىكمىلەر ۋە زەمبۇرۇغ زەھىرى
نىترات كىسلاتا تۇزلىرى كۆپىنچە يېمەكلىكلەردە مەۋجۇت. بولۇپمۇ تۇزلانغان بېلىق، سۈر گۆش قاتارلىق تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلغان كىشىلەر ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولىدۇ.
گەرچە قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ پەيدا بولۇش ئامىللىرى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش:
1. قىزىلئۆڭگەچنىڭ قوغداش
يەۋاتقان بارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى قىزىلئۆڭگەچتىن ئۆتۈپ ئاشقازانغا بارىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاندىن ھەزىم قىلىنىدۇ. قىزىلئۆڭگەچ ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ، غىدىقلىنىشنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇڭا يېمەكلىكلەرنى بەك تېز يېمەسلىك، بەك قىزىق ياكى ئاچچىق نەرسىلەرنى ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىك كېرەك. قىزىلئۆڭگەچنىڭ زەخمىلىنىشىدىن، راك پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. راك پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىكلەرنى رەت قىلىش
كىشىلەر «كېسەللىك ئېغىزدىن كىرىدۇ» دېيىشىدۇ. قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولماسلىق ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېمەكلىكنى كونتىرول قىلىش كېرەك. يەر ياڭىقى، دادۇر قاتارلىق ئۇزاق تۇرۇپ، پاختىلىشىپ قالسا يېمەسلىك، تۇزلۇق نەرسىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئاز يېيىش كېرەك. ئەرلەر تاماكا ۋە ھاراقتىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك.
3. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش
قىزىلئۆڭگەچ راكى دەل ئوزۇقلىنىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن قورقىدۇ. شۇڭا يېمەكلىكلەرنى تاللىماسلىق، ئىلمى ماسلاشتۇرۇش لازىم. بولۇپمۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ئىلمېنىتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى چوقۇم كۆپ يېيىش، بەزى يېشىل چايلارنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
4. چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش
ساغلاملىق مەڭگۈ مۇھىمدۇر. ھەر كۈنى بىر سائەت چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ساغلاملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە بەدەن گۈزەللىكىنى ساقلايدۇ. ھەر كۈنى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر.
5. دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش
مىكرو ئىلىمېنىتلار ھەددىدىن زىيادە كەمچىل بولۇپ، يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىنالمىغاندا بەزى دورىلارنى ئىچىش ئارقىلىق ياخشىلاش كېرەك. مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن A、B2 قاتارلىقلارنى تولۇقلاش ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىيالايدۇ.